ئەنگلىيەدە دەرەخ كەسكەنلەرگە جەرىمانە قويۇلدى

ئەنگلىيە گاللېردە تارىخىي بىر قانچە ئەسىرگە تۇتىشىدىغان دەرەخلەرنى كەسكەنلەرگە جەرىمانە قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

809235
ئەنگلىيەدە دەرەخ كەسكەنلەرگە جەرىمانە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەگە قاراشلىق گاللېردە بىر قانچە ئەسىرلىك 200 دەرەخنى رۇخسەتسىز كەسكەن 63 ياشلىق كېيس ئۋانس ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا 112 مىڭ فوند ستېرلىڭ جەرىمانە قويدى.

بلەكۋۇد بازىرىدا 200 دەرەخنىڭ كېسىلگىنىنى بايقىغان گاللېر تەبىئىي بايلىقلار تەشكىلاتى، دەرەخ كەسكەنلەرنىڭ پىيىگە چۈشكەن.

تەبىئىي بايلىقلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى تىم جونېس: «مۇھىتىمىز ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان دەرەخلەر، تەن-سالامەتلىكىىز ۋە خۇشاللىقىىز ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر، يۈزلەرچە يىللىق دەرەخلىرىمىزنىڭ كېسىلىشى چوڭ يوقىتىش، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى دەرەخلەرنىڭ چوڭىيىشىغا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر