گېرمانىيەدە ناتسىستچە سالام قىلغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى
گېرمانىيەگە ساياھەتكە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ رەسىمگە چۈشكەندە ناتسىستچە سالام قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
785041
![گېرمانىيەدە ناتسىستچە سالام قىلغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b83f/2aa5/9ba9/598816f2c43d7.jpg?time=1718422951)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ساياھەتچىلەر پايتەخت بېرلىندا فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا رەسىمگە چۈشكەندە ناتسىستلارنىڭ سالىمىنى قىلدى. 36 ۋە 49 ياشلىق ئىككى خىتاي ساياھەتچى بۇ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ساياھەتچىلەر قانۇنغا خىلاپ «سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، 500 ياۋرو جەرىمانە تۆلەپ جازادىن قۇتۇلدى.
گېرمانيەدە ناتسىستلارنىڭ سالىمىنى قىلىش، قانۇنغا خىلاپ سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/0aef/1f5f/1fd7/5c41ba9fd25f9.jpg?time=1718422951)
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.