ئەردوغان «قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى مۇسابىقىسى» گە قاتنىشىپ سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ت ر ت 1 – قانىلىدا تارقىتىلغان «قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى مۇسابىقىسى» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئىشتىراك قىلدى.

757675
ئەردوغان «قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى مۇسابىقىسى» گە قاتنىشىپ سۆز قىلدى
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنقەرە بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جەريانىدا سۆز قىلىپ، مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ ئېكران ئارقىلىق ئۇلارنى كۆرۈۋاتقانلارنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە خەلقنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەردوغان مۇسابىقىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇسابىقىدە 872 نومۇر ئېلىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن قارىي مۇستافا ئالتىنغا مەشھۇر خەتتات قاراھىسارىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقە بويىچە سەھنىدە تۇرغان رەھلەنىڭ ئۈستىدىمۇ مۇستافا ئالتىنغا ھەدىيە قىلغان «قۇرئان كەرىم» گە ئوخشاش بىر نۇسخا «قۇرئان» نىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بۇمۇ گۈزەل بىر ئۇدۇل كېلىش بولدى. ھەقىقەتەن قاراھىسارى ھۆسنخېتى ئارقىلىق ئاجايىپ گۈزەل خەتتاتلىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى. زىننەتلىنىشىمۇ بەكلا گۈزەل. باشتىن ئاخىر ئوخشاش زىننەتنى ئۇچراتمايسىلەر، ھەر سەھىپىسىدە پەرقلىق زىننەتلەر بار. بۇ سەۋەبتىن <ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن> دەيمىز ۋە قارىي قېرىندىشىمىزغا تەقدىم قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، 869 نومۇر ئېلىپ ئىككىنچى بولغان شۈكرۈ ئاسىلئەرەن بىلەن 852 نومۇر ئېلىپ ئۈچىنچى بولغان ئوسمان بوستانجىغىمۇ ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر