تىلىمىز كىملىكىمىزدۇر... تۈركىيە 2017 - يىلى «تۈرك تىلى يىلى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2017 – يىلىنى «تىلىمىز كىملىكىمىزدۇر» دېگەن تېما ئاستىدا «تۈرك تىلى يىلى» ئېلان قىلدى.

733835
تىلىمىز كىملىكىمىزدۇر... تۈركىيە 2017 - يىلى «تۈرك تىلى يىلى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىمزالىق ئۇقتۇرۇشتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك ھىمايىسى ئاستىدا 15 – مارتتا چاقىرىلغان يىغىن ئارقىلىق 2017 – يىلىنىڭ «تىلىمىز كىملىكىمىزدۇر» دېگەن نام ئاستىدا «تۈرك تىلى يىلى» ئېلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. تۈركچىنىڭ ئەڭ باي تىللارنىڭ بىرى ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئاساسىي ئامىلى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، «تۈركچىمىزنى قوغداش، ياشنىتىش، بېيىتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كۈچلۈك شەكىلدە يەتكۈزۈش، بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىزنى يېڭىچە ئاڭ بىلەن شەكىللەندۈرۈش ھەم دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ ھەم پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر» دېيىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا، «<تىلىمىز كىملىكىمىزدۇر> دېگەن نام ئاستىدا ئېلان قىلىنغان <2017 تۈرك تىلى يىلى> نىڭ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈرك تىلى ئورگىنى باشلامچىلىقىدا ئىلىم – پەن، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئالىي مائارىپ ئورگىنى، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئالىي ئورگىنى، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەھەللىي دائىرىلەر قاتارلىق پۈتكۈل دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ۋە نەشرىيات – تارقىتىش ئورگانلىرى تىلىمىزنىڭ توغرا شۇنداقلا جايىدا ئىستېمال قىلىنىشىغا تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە پائال ئىشتىراك قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر