ئەنقەرەدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىلىقى تەبرىكلەندى
خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەتى تەشكىلاتى (TÜRKSOY) تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللىگەن كونسېرت كېچىلىكىدىن بىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.
583578
![ئەنقەرەدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىلىقى تەبرىكلەندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4783/d324/7666/57f387f315b77.jpg?time=1718514318)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى 3-ئۆكتەبىر تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق كۈنىدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كونسېرت ئۆتكۈزدى.
كونسېرتقا، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان، ساھا ياقۇت، تاتارىستان، باشقۇردىستان، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ۋە گاگاۋۇزلارنىڭ داڭلىق سەنئەتچىلىرى نومۇر كۆرسەتتى.