خولىيۋۇدنىڭ داڭلىق ئارتىسى گارسىيا «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» دا

خولىيۋۇدنىڭ تېگى كۇبالىق مەشھۇر ئارتىسى ئاندي گارسىيا «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» دا رول ئېلىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلدى.

113302
خولىيۋۇدنىڭ داڭلىق ئارتىسى گارسىيا «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» دا

خولىيۋۇدنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسى ئاندي گارسىيا «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىيە تىياتىرىدا رول ئالىدۇ.

بۇ ئاي يېڭى قىسىملىرى بىر خۇسۇسىي تېلېۋىيە قانىلىدا تارقىتىلىشقا باشلايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسىملىرىدا رول ئالىدىغان خوللىيۋۇدنىڭ تېگى كۇبالىق ئامېرىكىلىق ئارتىسى ئاندي گارسىيا، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ لوس ئانگېلستىن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودورۇمىغا كەلدى. داڭلىق ئارتىسنى مۇھاپىزەتچىلەر كۈتۈۋالدى.

ئاندي گارسىيا بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا داڭلىق ئارتىس شارون ستون بىلەن بىرلىكتە رول ئالغانىدى.

«بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما» نىڭ قىزىقىش پەيدا قىلغان ھالدا ئاخىرلاشقان ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى بارلىق سوئاللار جاۋابقا ئېرىشىدىغان يېڭى قىسمىدا دۇنياغا داڭلىق ئاندي گارسىيا ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن ‹ئامون› نىڭ رولىنى ئالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، گارسىيا رول ئالىدىغان قىسىملارنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ – تۆت كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر