ناخشىلار تىنچلىق ئۈچۈن ئېيتىلدى

1 - سېنتەبىر دۇنيا تىنچلىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە 6 - نۆۋەتلىك سارىيەر ناھىيەسى خەلقئارا تىنچلىققا چاقىرىق فېستىۋالى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

111819
 ناخشىلار تىنچلىق ئۈچۈن ئېيتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناخشىلار تىنچلىق ئۈچۈن ئېيتىلدى.
1 - سېنتەبىر دۇنيا تىنچلىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە 6 - نۆۋەتلىك سارىيەر ناھىيەسى خەلقئارا تىنچلىققا چاقىرىق فېستىۋالى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
ياشلاردىن تەشكىل تاپقان تىنچلىق خور ئۆمىكى ئوخشىمىغان تىللاردىكى ناخشىلارنى تىنچلىق ئۈچۈن ئېيتتى.
فېستىۋالدا ساما ۋە خەلق ئويۇنلىرى نومۇرلىرىمۇ كۆرسىتىلدى.
مەزلۇم چىمەن بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى شەفەق پاۋەي بىرلىكتە تىنچلىق ناخشىلىرى ئېيتتى.
فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ تىنچلىق سىگناللىرى بەردى.
قىلىچدارئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تىنچلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ساھەسى، ئەمما تىنچلىقنى بوزىدىغانمۇ يەنىلا بىز ئىنسانلارمىز، سىياسەت رەھىمسىز بىر ساھە، شۇنداقلا ھەم ئىنسانلارنى پىرقەلەرگە ئايرىۋېتىدىغان ھەمدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر ساھە. ھەممىمىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەتتە تىنچلىق، ھۇزۇرنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»
فېستىۋالدا ئوخشىمىغان دىنىي رەھبەرلەرنىڭ تىنچلىق سىگناللىرىمۇ ئېكرانلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر