غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (66)

2071381
غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

ئىسرائىلىيە غەززە ئۇرۇشىدىن ھەربىي غەلىبە بىلەن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغۇغۇچىسى يەنىلا ئۆزى بولىدۇ. 7 – ئۆكتەبىردىن كېيىن غەززەگە قارشى ئېلىپ بارغان ۋەھشىلەرچە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنالمىدى ياكى پايدىلىنىشنى تاللىمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە 1948-يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆلەمدە ئونتولوگىيەلىك بىخەتەرلىك كرىزىسىگە ۋە چوڭقۇر قانۇنلۇق سالاھىيەت ئەندىشىسىگە دۇچار بولغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

7 – ئۆكتەبىردىن كېيىن ئىسرائىلىيە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئۇتتۇرۇپ قويغان دۆلەتكە ئايلاندى. ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن بىللە ياشاشقا مەجبۇر. 7 – ئۆكتەبىردىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەردىن بىرسى بىخەتەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ھەربىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەلىماتىنىڭ تۆت تۈۋرۈكى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ھەربىي چېكىندۈرگۈچ كۈچى. ھەربىي چېكىندۈرگۈچ كۈچ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مۇداپىئەلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم قورالى ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشنى سىجىللاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ھەربىي چېكىندۈرگۈچ كۈچ نۇقتىسىدىكى داڭدارلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىككىنچىسى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى. ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئىستىخبارات ئىقتىدارىغا تايىنىپ، دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن بىلىش ئۈستۈنلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. 7 – ئۆكتەبىر خۇددى 1973-يىلدىكىگە ئوخشاش، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك تەلىماتىنىڭ يەنە بىر ئامىلى بولسا مۇداپىئەدۇر. مۇداپىئەلىنىش ھەربىي چېكىندۈرگۈچ كۈچ ئىشقا يارىمىغان ۋە تاجاۋۇزچىلىق يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ئارمىيەنىڭ بىرىنچى كۈچى سۈپىتىدە قوغدىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ئەسقاتىدىغان ئىقتىدارلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 7 - ئۆكتەبىردە مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىدى ھەمدە ھەقىقىي ئارمىيەگە ئوخشاش غەززەدە ئۇرۇش قىلىشتا قىينالدى.

بىخەتەرلىك تەلىماتىنىڭ تۆتىنچى تۈۋرۈكى مۇتلەق غەلىبەدۇر. مۇتلەق غەلىبە دۈشمەننىڭ قايتا تەشكىللىنىشى ۋە قايتا ھۇجۇم قىلىشىىنى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كەلتۈرىدىغان مۇنازىرىسىز بىر ھەربىي غەلىبىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ھاماسنى يوق قىلىش دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ ۋەجىدىن نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتى «يوقىتىش» تىن ۋاز كېچىپ، ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر ئىستراتېگىيە ئۆزگىرىشىگە يۈزلەندى.

مۇنتىزىم ئۇرۇشنىڭ ۋە ئۇرۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ ئاكتىيورلىرىدىكى ۋە تەبىئىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى دىنامىكلەر كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئىشقا ياراپ - يارىمايدىغانلىقى ھەققىدە چوڭ گۇمان پەيدا قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ زىيىنى ھەربىي زىيان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ئەندىشىسىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان نېگىزلىك ئامىللار رىئال ۋە دۇنياۋى ئەمەس، بەلكى دىنىي بولۇپ قالغاندا، ئۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە نورمال ئەزا سۈپىتىدە پوزىيتسىيە تۇتالىشى مۇمكىن بولمايدۇ. مەسىلەن؛ دائېشمۇ شۇنىڭ مىسالى. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئەندىشىسىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئامىل دۇنياۋىي ئەمەس، دىنىي ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى ھېچقانداق قائىدە - قانۇنغا باغلانغان ھېس قىلمايتتى. ئىسرائىلىيەنىڭمۇ غەززەگە قاراتقان ۋە ئۇرۇش قانۇنلىرىغا ماس كەلمەيدىغان ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇن سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 7 - ئۆكتەبىردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان «غەززە قىرغىنچىلىقى» ئوچۇق ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچى دۆلەتكە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال تارىخى پاجىئە بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇشنىڭ نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇرۇش قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ساناقسىز قېتىم دىنغا يۆلەپ ئىپادىلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش​​سېكۇلار سىياسىي تۈزۈمى قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، تېخىمۇ چاتاق يېرى، ئىسرائىلىيەنىڭ قالاق، مالىمان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. نەتىجىدە، غەززە ئۇرۇشى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلمايدىغان ۋە ئۇرۇشنى دىنىيلەشتۈرمەكچى بولغان رادىكال دۆلەت سۈپىتىدە كودلىنىشىغا سەۋەب بولدى. چۈنكى دۇنيا مىقياسىدا پەلەستىننى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلار ئىسرائىلىيەنىڭ يالغۇز قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

 

قائىدە-قانۇنلارغا بوي سۇنمايدىغان ۋە ھەرىكەتلىرىگە مۇقەددەسلىك بىلەن ئېنىقلىما بېرىدىغان رادىكال دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر زىيىنى، ئۆز خەلقىدىن ئايرىلىپ قىلىشىدۇر. 7- ئۆكتەبىردىن كېيىنكى ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بىر پۈتۈن جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزۈل-كېسىل تەۋرەتكەن شۇنداقلا تارىخىي نۇقتىدىن «چوڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىق» غا ئوخشاش رامكىدىكى قىلمىشلىرى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ئەندىشىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلغان بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ زوراۋانلىقى بولسا، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسرائىلىيە قارشىلىقىىنى  تېخىمۇ كېڭەيتىپ كۈچەيتىۋەتتى ۋە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر قايغۇ ئىچىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋالنىڭ جاۋابكارى ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. نەتىجىدە، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئەندىشىسىنى يوق قىلىدىغان بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئەندىشىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى.

بۇ نۇقتىدا يەنە بىر مۇھىم زىيىنى شۈكى، ئىسرائىلىيەنىڭ دېموكراتىك رېئاللىقتىن بارغانچە ئۇزاقلىشىپ، رادىكال ئاشقۇنلۇق دائىرىسىدە مۇستەبىتلەشكەن بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى بولدى. سىياسەتنىڭ ئاساسىي دىنامىكلىرى داۋاملىق باشقىسىدىن ئىرقىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بىر دۆلەتتە، سىياسەتنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ نورماللىشى مۇمكىن بولمايدۇ. 7- ئۆكتەبىردىن كېيىن ئىسرائىلىيە دۇچ كەلگەن جەريانمۇ دەل شۇنداق بولىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىسرائىلىيەدىكى سىياسىي تۇرمۇش تېخىمۇ رادىكاللىشىدۇ، سىياسىي نۇتۇقلار تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، مىللەتچى يەھۇدىي كىملىكى يۆنىلىشىدە ھۆكۈمرنالىق تىكلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن مەسىلىسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ زوراۋان لاگېرغا ئىتتىرىدۇ  ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.

ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلاردىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم زىيىنى ئۇنىڭ گېئوپولىتىكىلىق سالاھىيىتىدە كۆرۈلدى. 7- ئۆكتەبىردىن ئىلگىرى رايون خاراكتېرلىق نورماللىشىش ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخىي يالغۇزلۇقىنى يېڭىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە قارىتا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا پايدىلىق ئويۇن دەپ قارىشى، رايوندىكى ئاكتىيورلارغا نىسبەتەنمۇ دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشى يەكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەرەب-ئىسرائىلىيە نورماللىشىشى، رايون خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي لايىھەلەر ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر، غەززە سەۋەبىدىن پۇرسەت بولۇش سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويدى. بۇ پۇرسەت ساھەلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمدى ئاسان بولمايدۇ. بۇ باسقۇچ ئىسرائىلىيەنى سۈرىيە ۋە لىۋان مەسىلىدە تېخىمۇ قاتتىق قوللۇققا ياكى مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان رايون تەڭپۇڭلۇقىغا مەھكۇم قىلىدىغاندەك قىلىدۇ.  

نەتىجىدە، ئىسرائىلىيە غەززە ھۇجۇملىرى ۋە تەڭپۇڭسىز زوراۋانلىقى  يۈزىسىدىن سىياسەت، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئۇتتۇرغان ۋە ئەسلىدىنلا ناچار بولغان رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق ئوبرازىنى تېخىمۇ يوقاتقان ھالغا كەلتۈردى. ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆتمۈشىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يالغۇز ۋە خاتىرجەمسىز بىر دۆلەتكە ئايلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر