يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىجدان ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (65)

2068153
يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىجدان ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتتى

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىجدان ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئارىدىن قانچىلىغان ھەپتىلەر ئۆتتى، ئەمما ئىسرائىلىيە غەززەگە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 350 كىۋادرات كىلومېتىرلىق مۇھاسىرە ئاستىدىكى رايوندا 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاپسېلىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە 13 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار. گەرچە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. لېكىن، يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىجدان ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇ سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە قارشى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ نەقەدەر غەزەپلەنگەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

دەرۋەقە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا. قانچىلىغان يىللاردىن بېرى مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززە شەھىرى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ھاۋا ھۇجۇمىغا دۇچار بولدى.  ئىسرائىلىيە قىسىملىرى قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئىلگىرىلەپ غەززەنى شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىدى. شىمالدا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن ئىسرائىلىيە، ئۇ يەردىكى قارشىلىق گۇرۇپپىلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلماقتا. لېكىن، ھازىرغا قەدەر بىرەر ھەربىي ھەرىكەتتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. ھاماسقا قاراشلىق ئەل قاسسام بىرىگادىلىرى ۋە باشقا كىچىك قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا قارشى زور سىممېترىك كۈچ سۈپىتىدە ئېغىر ھەربىي قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيە نۇرغۇن تانكا ۋە برونىۋېك ئاپتوموبىللىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىمۇ توقۇنۇشتا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گەرچە نىسبىتى ئازايغان بولسىمۇ، ئەلقاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەت پىلانى ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى مۈجىمەللىكى داۋاملاشماقتا. شىمالدا خالىغىنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلمەكتە. ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ياكى ئاشۇرالمايدىغانلىقى تالاش- تارتىشلىق مەسىلە.

دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خەلقئارا جامائەتچىلىك ھۆكۈمەتلەردىن مۇستەقىل ھالدا يەر شارى خاراكتېرلىك ۋىجدان ھەرىكىتى باشلىدى. غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان پۈتكۈل دۇنيادا ئادەتتىكى خەلق ئاممىسى كوچىلاردا ئىسرائىلىيەگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ھېچ كىشى ئىچىگە سىڭدۈرەلمىدى.  بۇ ئەھۋال ھامان بىر كۈنى غەربتىكى ھۆكۈمەتلەرگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىتىدە ئىپادىسىنى تېپىشى تۇرغانلا گەپ.

ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلالىشى ياكى قىلالماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغۇچىغا ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق.  يەرشارىنىڭ ۋىجدانىنى زېدىلەيدىغان بۇ قىلمىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئاللىبۇرۇن ئىنسانيەتنىڭ ۋىجدانىدا سوتقا تارتىلىۋاتقان ۋەزىيەت پەيدا قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر