غەربنىڭ ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكىنىڭ يېمىرىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (64)

2065785
غەربنىڭ ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكىنىڭ يېمىرىلىشى

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «غەربنىڭ ئۆلچەم ئۈستۈنلىكىنىڭ يېمىرىلىشى»  تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

 

غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى ئاستىدا، ھەر كۈنى مىڭلىغان پۇقرا جېنىدىن ئايرىلىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن سىرت ھامىلدار ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقلارمۇ ئۆلتۈرۈلمەكتە ۋە ھەتتا يارىدارلارنى ئېلىپ ماڭغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىمۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا  ئۇچرىماقتا.  سۇ، يېقىلغۇ، توك ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ئەقەللىي ئېھتىياجلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىمۇ بومباردىمان قىلىنماقتا. تۈمەنمىڭلىغان قورالسىز پۇقرالار ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسا، غەربىي قىرغاقتىمۇ پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنماقتا. قوراللىق قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر قورالسىز پەلەستىنلىكلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى تەقلىد قىلغاندەك، نازارەتكە ئېلىنغان مەھبۇسلارنىڭ قول ۋە پۇتلىرىغا نومۇرلۇق كىشەنلەرنى سالماقتا.

بىز يېقىنقى 40 كۈندىن بۇيان شاھىت بولۇۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە،  ئۇزۇن مۇددەتلىك قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش ​​ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشى بىلەن يوللۇق كۆرسىتىلمەكتە. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئۈستۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان ئۇرۇش نەرىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولسا، ئامېرىكامۇ غەيرىي سىياسىي نەرىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە.  

بۇنچە ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئەپسۇسكى، ئامېرىكانىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش ​​ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى دەپ ئېنىقلىما بېرىگەن قىلمىشلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوللىماقتا. غەربتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇ ۋەھشىيلىكنى بىتەرەپلىك ئاساسىدا ئەمەس بەلكى تەرەپ تۇتقان شەكىلدە بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن يۇغۇرۇپ خەۋەر قىلماقتا. غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلار، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارغا «ئۆلدى» دەپ ئېنىقلىما بەرسە، ئىسرائىلىيەدە ئۆلگەنلەرگە «ئۆلتۈرۈلدى» دەپ ئېنىقلىما بېرىشمەكتە. بۇ قوش ئۆلچەم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا مايىل سۆزلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن «مۇستەسنالىق» شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولماقتا.

ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن مۇستەسنالىق سالاھىيىتى غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق نەتىجىلىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 40 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر زامانىۋى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ ئاتالمىش ​​ئىلغارلىقىنىڭ ئىچى بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ دەپ قارالغان توغرا تارىخ ھېكايىلىرىنىڭ زىيانلىق خاراكتېرىنى ئاشكارىلىدى. بىز شاھىت بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىيلىكى غەربنىڭ ئۆلچەمدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىلىشقا سۆرەۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولماقتا.

زامانىۋى خەلقئارالىق تۈزۈم  پەقەت ماددىي كۈچ ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1945-يىلى ب د ت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن بىرگە، قائىدە – قانۇنلارنى ئاساس قىلغان بىر خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. دۆلەتلەر خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، قائىدە – قانۇن بەلگىلەش ئارقىلىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى تاجاۋۇزچىلاردىن قوغداش ۋە تېخىمۇ تىنچ بىر دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشقا ئەھدىلەشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان كەڭ دائىرىلىك ھۆججەتلەر ئىمزالانغان ئىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت دۆلەتلەرنى بۇ پىرىنسىپلار ئالدىدا جاۋابكار قىلىش ئارقىلىق تىنچ  خەلقئارالىق تەرتىپ ئورنىتىش ئىدى. لېكىن بۇ تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان غەرب دۆلەتلىرى ھەمىشە بۇ ئۆلچەملەرگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلماي كەلدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار بۇ ئورگانلارنى غەربنىڭ زومىگەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ قورالى قىلىۋالدى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسى غەربنىڭ يىمىرىلگەن ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. بۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ يوقىلىشى غەززە بىلەن باشلانمىدى. بەلكى غەربنىڭ ئاتالمىش ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكى خېلى بۇرۇنلا ئىشەنچنى يوقىتىپ بولغان ئىدى. ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلىشتا يالغاننى ئاساس قىلىپ 1مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەرەب قوزغىلاڭلىرى باشلانغاندا، دېموكراتىيە شوئارلىرىنىڭ تاللاپ يولغا قويىلىدىغان تاۋار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مىسىردا سىسى رەھبەرلىكىدىكى زوراۋان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، غەرب تاراتقۇلىرى ئۇنى «دېموكراتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دەپ تەرىپلەشكە باشلىدى. ئاندىن سىسى ياۋروپا پايتەختلىرىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىملىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قارشى ئېلىندى. سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتسىمۇ، غەرب پاسسىپ ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشقا قارشى كۈرەش باھانىسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. فىرانسىيە لافارگې شىركىتىنىڭ سۈرىيەدە «دائېش» كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويدى. نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۆز دۆلىتى ئىچىدە پ ك ك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىن پەقەت ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈنلا پايدىلىنىدىغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر.

 رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، غەرب ۋلادىمىر پۇتىننى كوللېكتىپ ھالدا زامانىمىزدىكى گىتلېر دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇنى پۇقرالارنى قىرغىن قىلغان، ئاممىۋىي ئۇل - ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغان، خەلقنى ئۆز زېمىنىدا پاناھلانغۇچىغا ئايلاندۇرغان ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سالغان رەھىمسىز مۇستەبىت دەپ تەسۋىرلىدى. لېكىن، بۇ قېلىپلاشقان قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيانە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن پۈتۈنلەي تەۋرىنىپ كەتتى.

غەربنىڭ ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكىنىڭ يېمىرىلىشى ۋاقىتلىق ھادىسە ئەمەس ۋە مۇھىم ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تامامەن مۇمكىن. ئەڭ مۇھىم ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى قائىدە-پىرىنسىپتىن مەھرۇم يېڭى بىر خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ كونترولسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى قائىدە - پىرىنسىپنى ئاساس قىلمىغان تۈزۈم مالىمانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىسى، غەرب بىلەن غەربتىن تاشقىرى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كىملىكنى ئاساس قىلغان توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىشى بولىدۇ. بۇ بەلكىم خانتىڭتون ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى سۈپىتىدە ئەمەس، كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق تەرتىپنى شەكىللەندۈرىدىغان چوڭقۇر كىملىكلەر توقۇنۇشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ خەۋپ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان بولۇپمۇ غەربنىڭ ئۆز ئىچىدە كۈچەيدى. مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۈچىنچى ئاقىۋەت غەربنىڭ پۈتكۈل يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ياتلاشتۇرىشىدۇر. يەر شارىنىڭ جەنۇبى ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىز ۋەھشىيلىكى ئالدىدا غەززەنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەۋجۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بۇ ھەر ئىككى ئاكتىيور ئۆزلىرىنىڭ نورمال قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەرتىپ بەرپا قىلماقچى بولماقتا. بەشىنچىسى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەرب سىرتىدىكى گېئوپولىتىكىلىق يۆنىلىش بىلەن رەتكە تىزىلىشىدۇر. بەلكىم 7- ئۆكتەبىردىن كېيىن بىز باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئىسرائىلىيەنى قوغداۋاتقان مۇستەسنالىق ھالەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى مۇشۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 نەتىجىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىدا ئۇنىڭغا سۇنۇلغان مۇستەسنالىق سالاھىيەت غەربنىڭ ئاتالمىش ئۆلچەم ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە غەربنى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي يىمىرىلىش پاتقىقىغا مەجبۇر قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر