ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئوتتۇرا شەرق گېئوپولىتىكىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (62)

2059832
ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئوتتۇرا شەرق گېئوپولىتىكىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئوتتۇرا شەرق گېئوپولىتىكىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ********* *** ***************

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 8000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ گېئوپولىتىكىسى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ غەززەدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان دىنامىكلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. تارىخىي نۇقتىدىن بۇ توقۇنۇشلار كىشىلەرگە تونۇش بولغان <ھاماس ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلدى، ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ئاندىن ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتى ۋە قايتىدىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتتى> دەيدىغان ئەندىزە بويىچە ماڭمىغانلىقىنى كۆرسىىتپ بەرمەكتە.  7- ئۆكتەبىر (2023) دىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار بۇ ئەنئەنىۋى مودېلنىڭ ئەممەلدىن قالغانلىقىنى كۈچلۈك نامايان قىلماقتا. ئىسرائىلىيە ئاز دېگەندىمۇ غەززەنىڭ شىمالىدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق ئورنىتىشنى خالىماقتا ۋە شۇنداق قىلىپ مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولماقتا.

ئىسرائىلىيەدىكى ھۇجۇملار كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك كىرىزىسى ھاماسنىڭ ئالدىن كۆرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقنى قايتۇرۇپ ئالالىشىنىڭ 24 سائەت كېچىكىپ كېتىشى ئىسرائىليەنىڭ تەييارلىق كەمچىللىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 7-ئۆكتەبىردىكى ھەرىكەت ئىسرائىلىيەنى بەرداشلىق بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان ئونتولوگىيەلىك بىخەتەرلىك كىرىزىسىغا دۇچار قىلدى. نەتىجىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك ئاكتىيورلارنى ۋە رايونلۇق ئاكتىيورلارنى چېكىندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە رايونغا قاراتقان پوزىتسىيەسىدە زور بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار زىيارىتى جەريانىدا تەكىتلىگەندەك، بۇ بىخەتەرلىك كىرىزىسى يا پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىپ يېڭى بىر رايون تىنچلىقىنى ئاپىرىدە قىلىشى ياكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. گەرچە تىنچلىق ھازىرچە بەك يىراقتەك كۆرۈنسىمۇ، رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

بۇ جەرياننىڭ يۆنىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسنى بىر تەرەپ قىلىش نىشانىغا يېتىشتىكى ئۇتۇقى ۋە تاللىغان ئۇسۇللىرىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەل قىلىش يولى بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ۋە ئاندىن غەززەنىڭ شىمالىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى ھاكىمىيەت تىكلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلقلار بار. چۈنكى ئىسرائىلىيە تەرەپتە بىرەر ئەمەلىي پىلان يوق. ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ۋە بارغانچە ئېشىۋاتقان بېسىمى شۇنداقلا ھاماسنىڭ غەززەدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشى بۇ نىشانغا يېتىشىنى توسۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنىڭ تەڭپۇڭسىز ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشى ۋە كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇللىرى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بۇنداق چاغدا كېڭەيتىلگەن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەگە ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە غەززەدىن ھالقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا. لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ توقۇنۇشقا ئىشتىراك قىلىشى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەر قايسى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەپ  كىرىپ، ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋىتىشى تۇرغانلا گەپ.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە تاجاۋۇز قىلىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ گېئوپولىتىكاسىدا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىپ، داۋاملىشىۋاتقان نورماللىشىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ياكى تامامەن توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى بىلەن ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيەگە ئاكتىپ تىرىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتمىگۈچە ئۇرۇش توختاتمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتلىق توختاپ قالدىغانلىقىنى تەكىتلەش مۇمكىن.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ، ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇملار بۇ مەۋقەنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە لىۋان ۋە سۈرىيە ئارقىلىق ۋاستىلىق شەكىلدە ئىراننىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىش  ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش ئوقۇمى تۆۋەنلىمەكتە. پارس قولتۇقى بىلەن ئىراننىڭ يېقىنلىشىشىدا كۈتۈش مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى پەلەستىن مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت پوزىتسىيەسىدە، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىدىن ۋاز كېچىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ تاشلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بېكىنىش ئىسرائىلىيەنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئىبراھىم كېلىشىمى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقلىرىنى ئۈنۈمسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىمۇ ۋە ئەرەب-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكىنى قايتىدىن ئەۋج ئالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن. پەلەستىن مەسىلىسىگە سەل قاراش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى چۆرۈپ تاشلاش رايون خاراكتېرلىك رادىكاللىشىشنى شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇ خەتەرلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ رىقابەتچى ھالغا كەلگەنلىكى ئېنىق. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بۇ رىقابەتچى مۇھىتىنى توقۇنۇش مۇھىتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خىرىس ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق بىخەتەرلىك مۇھىتىدا ئۆزىنى بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ھېس قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قىلىشقا تېگىشلىك ئىش؛ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر