ئىشغالىيەتنىڭ سايىسىدە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ چارىسىزلارچە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (59)

2050396
ئىشغالىيەتنىڭ سايىسىدە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ چارىسىزلارچە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئونلىغان يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيەتنىڭ سايىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ «چارەسىزلارچە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ھاماسقا قاراشلىق قاسسام بىرىگادىلىرى ئىسرائىلىيەگە غەززەدە تۇرۇشلۇق باشقا پەلەستىنلىك گۇررۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە «ئەقسا توفانى» ناملىق چوڭ ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىدى. ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىقتىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق غەززەدىكى قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى بازىلىرىنى ئىگىلىدى ھەمدە يەنە ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئىسرائىلىيە دەسلەپكى چۆچۈشتىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، غەززەنى ھاۋادىن ئېغىر بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ رايونغا قارىتا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىشى ۋە لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگراسىدا ھىزبۇللاھ بىلەن پات-پات توقۇنۇشۇشىمۇ رايوندا چوڭ ئۇرۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ئىززەددىن قاسسام بىرىگادىلىرى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان غەززەدە تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى ۋە ئارمىيەسىمۇ پەرەز قىلالمىغان بىر پەيتتە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بۇ ھەرىكەتكە ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت مەخپىي تەييارلىق قىلىپ، تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن. ئېلان قىلىنغان سىنلاردا، قاسسام ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە موتورلۇق پاراشوت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، غەززە ئەتراپىغا جايلاشقان تۆت ئىسرائىلىيە ھەربىي بازىسىنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قوشۇمچە يەنە يۈزلىگەن پەلەستىنلىك جەڭچى ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغىچە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا چۈشۈرۈشتە ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئاندىن 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەر ۋە كۆچمەنلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، غەززەگە ئېلىپ كەلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە ئىستىخباراتى زور ئاجىزلىق ئىچىىدە قالدى، يوقىتىشلار ئىسرائىلىيەدە قاتتىق چۆچۈشنى پەيدا قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بىر رايوننى 48 سائەتكىچە ھېچبىر شەكىلدە كونتروللۇق ئاستىدا تۇتالمىدى. تۇنجى قېتىملىق قايتۇرما زەربىدىن كېيىن غەززەگە ئېغىر بومباردىمان باشلاندى. ئاندىن غەززەدە بۇرۇندىنلا بار بولغان قورشاۋنى مۇتلەق ھالغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىنتايىن كەسكىن باياناتلارنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكىتلەشمەكتە. ئىسرائىلىيە ئوچۇق ھالدا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، تەخمىنەن 2 مىليون كىشى ياشايدىغان غەززەدە خەلققە كوللېكتىپ جازالاش يۈرگۈزمەكتە. شەھەرنىڭ بارلىق جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلاپ، بومباردىمانلىرىدا <ئەسكەر -پۇقرا> دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ھازىرغا قەدەر مىڭغا يېقىن غەززەلىكنى ئۆلتۈرۈپ بولدى.

قاسسام بىرىگادىلىرى بولسا، ئىسرائىلىيەگە راكىتامىيوت ئېتىش ۋە  ئاندا-ساندا تونېل لىنىيەسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە بېسىپ كىرىپ جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىۋان بىلەن بولغان چېگراسىدىمۇ پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىر- بىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان مۇساپىدىن ئوق چىقىرىشماقتا. ئەمما ،بۇنىڭ چېگرا مۇداپىئە قائىدىلىرىدىن ھالقىپ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ئەگەر غەززەگە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىسا، لىۋان فرونتىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بۇنىڭ سۈرىيە/گولان فرونتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى تۇرغانلا گەپ.

ئامېرىكانىڭ رايوندا ئاۋىياماتكىلار بىلەن ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىشلار بىردىنلا يولىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. دېمىسىمۇ ئىراننىڭ يېقىنقى يىللاردا ھاماسقا خېلى كۆپ ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق بىر ھەقىقەت. ئىراننىڭ رايوندىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە نورماللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قەدەم تالىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما، بۇ خىل ۋەزىيەتتە گېئوپولىتىكىلىق ھەرىكەتلەردىن ھالقىغان مۇنداق بىر ھەقىقەتنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 75 يىلدىن ئاشتى، زېمىنلىرى تالان - تاراج قىلىندى. قىرغىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇنلىرى مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالدى. غەرب كۈچلىرى ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىماقتا. بولۇپمۇ ھازىر ئوڭ قانات/ زىئونىست ھۆكۈمەت بولغان نېتانياھۇنىڭ كابىنېتى ۋە ئەمەلىي ئىجرائاتلىرى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈمىدىنى ۋەيراق قىلىپ، ئۇلارنى چارەسىزلىك ئىچىدە ھەربىي قارشى تۇرۇشقا ئىتتىرىمەكتە. بۇنىڭغا قولىنى سوزغان بىردىنبىر دۆلەت ئىران بولدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، دۇنيا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىگە مەركەزلىشىشى كېرەك. پايتەختى قۇددۇس بولغان زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ، رايوندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر