ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تەتۈرتەشۋىقاتىنى توسۇش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (58)

2047168
ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تەتۈرتەشۋىقاتىنى توسۇش

ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تەتۈرتەشۋىقاتىنى توسۇش

ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تەتۈرتەشۋىقاتىنى توسۇش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (58)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىنى توسۇش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ********* *** *****

پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىلى 1-ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدىكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئۇرۇنۇشىنى، بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات مەسىلىسى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى تەشكىلاتنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە جەريانى نۇقتىسىدىنمۇ ئانالىز قىلىش لازىم. ھەر قانداق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن باشقا يەنە، جەمئىيەتمۇ بىر چۆچۈش ۋە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ئىستىخباراتنىڭ جەمئىيەتكە قارىتا ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپلىرى ئىنتايىن ئېنىق. ئەمما ھەم بىخەتەرلىك، ھەم ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىش شۇنداقلا تېررورلۇقنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ھەمدە ۋاقىتلىق تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقىنى يولغا قويۇش ئۆز-ئارا بىرگەۋدىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ۋەقەلەرگە قايتۇرىلىدىغان بىر دەملىك ئىنكاس پەقەتلا بىر دەملىك نەتىجىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىسىنىمۇ بەلگىلىيەلىشى مۇمكىن. شۇڭا تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن جىددىي دىققەت قىلىشنى كېرەكلىك مۇھىم مەسىلە، ھۇجۇمدىن كېيىن دەرھال تېررورلۇقنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ نۇقتىدا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ھەرقانداق تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى مالىمانچىلىق مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋەقەگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. خەۋەر مەنبەلىرى تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن چېپىشىدۇ. شاھىتلار كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە خەلق پاجىئەنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كۆپىنچى توغرا مەلۇماتتىن خالىي ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر قول ئىلكىدىكى چەكلىك ئۇچۇرلارغا تايانغان ھالدا ئانالىزلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلىرى ھېسسىياتنى ئاساس قىلغان يازمىلارنى ھەمبەھىرلەشكە باشلايدۇ. بۇ قالايمىقان مۇھىتتىن نەپ ئۇندۈرۈشنى خالايدىغان مەنپەئەتچى گۇرۇپپىلار بولسا، جەرياننى مونوپۇل قىلىدىغان ۋە زىھىنلەرنى مالىمان قىلىدىغان ئالاقە تورى قۇرۇپ چىقىدۇ. دەل مانا بۇ نۇقتىدا تېررورلۇقنىڭ تەشۋىقاتى يىلتىز تارتىش ۋە كېڭىيىش ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراققا ئىگە بولاللايدۇ. زھىنلەردىكى چېچىلاڭغۇلۇقلارنى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھېسسىياتلارنى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلالايدۇ.

ھۇجۇمدىن كېيىن تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى بولۇپمۇ رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن ھالقىلىق باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر ھۇجۇمدىن كېيىن ئاشقۇنلۇقنى قوللايدىغان مەزمۇنلارغا ئۇچراش، ھېسسىيات جەھەتتە ئاجىز ياكى جاۋاب ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى رادىكاللاشتۇرالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش رادىكاللىشىشنى توختىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىر تەرەپتىن، دورامچى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ھۇجۇمدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات جەريانىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم. تېررورلۇقنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىدا ئومۇمەن ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۇلۇغلىنىدۇ، ئۇلار ئاتالمىش ​​«قەھرىمان» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال رادىكاللىشىش باشقۇچىدىكى كىشىلەرگە دورامچى ھۇجۇملارنى قىلىش جەھەتتىن ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئالدىنى ئېلىنىشنى زورۈر ھالغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەيلا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ چىقتى ۋە تەسىر كۆرسىتىش رايونىنى كېڭەيتىشكە تىرىشتى.

ھۇجۇمدىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى قوغداش دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نىشان. تېررورلۇقنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى جەمئىيەتلەردە بۆلۈنۈش ۋە چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلىشنى نىشان قىلىپ، پىسخىكىلىق ئەندىشىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر قانداق ھۇجۇمدىن كېيىن دەرھال بۇ خىل بايانلارغا قارشى تۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بولسا، ھۇجۇمدىن كېيىنكى جەرياننى باشقۇرۇش جەھەتتە قارشى تەشۋىقاتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق جەريانلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭلاشقا توغرا ئۇچۇر ۋە ئوچۇق ئالاقە ئاممىۋىي بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.  تەتۈر تەشۋىقات ئارقىلىق تارقالغان خاتا ئۇچۇر ۋە مىش-مىش پاراڭلار ۋەھىمە ياكى خاتا ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىشقا ئاشۇرغان ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشچىلىقىدىكى يېڭى ئالاقە قۇرۇلمىسى ۋە ئەندىزىسى (بولۇپمۇ تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش مەركىزى) بۇ جەرياندىكى توغرا ئۇچۇر بىلەن خاتانى ئايرىشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا. گەرچە رەسمىي ئۇچۇرلارنىڭ رەسمىي بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كۈچىنى ئويلاشقاندا تولىمۇ قېيىن ئىش بولسىمۇ، ئەمما تېز ئىنكاس قايتۇرۇش تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ تارقىلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. شۇڭا تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تېررورلۇقنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

تېرورلۇقنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىزنىڭ ئىدىيەۋى ئۇرۇشتا ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاشقۇن ئىدىئولوگىيەلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، باشقىچە ئۈمىت بېرىدىغان، پەزىلەت ۋە تىنچلىق نىشانى سۇنىدىغان قارشى بايانلارنىمۇ بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قارشى بايانلار چوقۇم قايىل قىلارلىق، ھېسسىيات نۇقتىسىدىن دىققەتلەرنى تارتىدىغان ھەمدە ئاشقۇنلۇق تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان خەلق توپىغا قارىتىلغان بولىشى لازىم.

تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئۇرۇش ھەر قانداق ئورگان ئۆزى يالغۇز قىلالايدىغان ئۇرۇش ئەمەس. ھۆكۈمەتلەر، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ئوگانلىرى، تېخنىكا شىركەتلىرى، مېديا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق بۇ مەۋجۇتلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ماسلاشقان ئىستراتېگىيە ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قولغا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە مېديانىڭ ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم مەسئۇلىيەتلىرى بولىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلغاندا ئىشلەتكەن تىلى، ھۇجۇم جەريانىغا ئالاقىدار ھەمبەھىرلىنىدىغان كۆرتۈنۈشلەر، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىنىشى ۋە قانۇنىي ئاساس نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا مەمۇرىي تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىش،  ھەم ھۇجۇمدا نىشان قىلىنغان مۇھىتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كۆرگىنىمىزدەك، بەزى تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ ئوچۇق كودلۇق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈرمەنلىرى ياكى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىگەنلىكى سادىر قىلىشقا بولمايدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرىدۇر.

مېديالاردىن باشقا يەنە، تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭمۇ ئاشقۇن مەزمۇنلارنى بايقاش ۋە دەرھال چىقىرىۋېتىش مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر چەكلىك. بۇ ھەقتىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈركىيەدە مەۋجۇت بولىشىغا قارىماي، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ساھەدە پۈتۈنلەي مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ ئاجىز بولۇشى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ نۇقتىدا مائارىپ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

گەرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خۇسۇسىي مەسئۇلىيەتنىڭ قەيەردىن باشلىنىپ، قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا تولۇق جاۋاب بېرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ (بۇ يېڭى دۇنيانىڭ يېڭى ھەقىقىتى بولغان)  ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرنى تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇشى ئىنتايىن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. ھەتتا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىمۇ بۇ جەريانغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساھەگە يېڭى دەرسلىكلەرنى قوشۇشى شۇنداقلا كۈرەشنىڭ ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي قىسمىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى زورۇر.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر