تاغلىق قاراباغدا ئاخىرقى پەردە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (57)

2044045
تاغلىق قاراباغدا ئاخىرقى پەردە

تاغلىق قاراباغدا ئاخىرقى پەردە

 

 تاغلىق قاراباغدا ئاخىرقى پەردە

 

(جان ئاجۇن)

 «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تاغلىق قاراباغدا ئاخىرقى پەردە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ئەزەربەيجان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىغا قەدەممۇ قەدەم كىرىشكە باشلىشى بىلەن، بۇ يەردىكى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە نىسبەتەن ئاخىرقى پەردە ئېچىلغاندەك قىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئەرمېنىيەنىڭ قاراباغدىكى ئەرمەن نوپۇسى ئارقىلىق رايوننى ئىشغال قىلىۋالغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. 2020-يىلى سېنتەبىردە ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ۋە ئەرمەنلەر مەغلۇب بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت باشلاش ئارقىلىق 2020-يىلى باشلىغان جەرياننى تاماملىغان بولدى.

قاراباغنىڭ ھېكايىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنلا باشلانغان بولۇپ، ئەرمېنىيە 1988-يىلى فېۋرالدىن 1994-يىلى مايغىچە بولغان مەزگىلدە قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنى قوغداش باھانىسى بىلەن باشلىغان ئۇرۇشتىن كېيىن، قاراباغ رايونىنى ئىشغال قىلغان ۋە قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت تەلەپ قىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە رۇسىيەنىڭ ئەرمەنلەرگە يانتاياق بولۇشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، گەرچە ئۇرۇش جەريانىدا ئەزەربەيجانلىقلارغا قارشى ئېغىر قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ سۈكۈتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەرمېنىيە لوبىلىرى زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. لېكىن رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئاخىرى 2020-يىلى سېنتەبىردە ئىشغال قىلىنغان جايلارنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى.

2020-يىلى 27-سېنتەبىردىكى تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشى «ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنىڭدا ئەزەربەيجاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ يۈكسەلگەن ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆرۈنەرلىك تەسىر ياراتتى. تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىي تاپقان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئەزەربەيجان ئۈچۈن مەرتلەرچە ئىشلىتىش غەلىبىنىڭ تېزلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

2020-يىلى 27 - سېنتەبىردە باشلانغان ئۇرۇش تەخمىنەن 44 كۈن داۋاملاشتى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە مەشىقى شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ئايروپىلانلارنى ئاساس قىلغان يېڭى تۈركىيە ھەربىي نىشانلىرىنىڭ مەيداندىكى تەسىرى بىلەن، ئەرمەنلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەغلۇپ بولۈپ،  رۇسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئاستىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى.

بۇ يەردە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىچكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ۋە پاشىنياننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مەسىلىىلىرىمۇ ئەرمەنلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئاخىرىدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى شۇشانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق قاراباغدىكى نۇرغۇن رايونلارنى ئازاد قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرمېنىيە بىلەن قاراباغ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىش يولى بولغان لاچىن كارىدورىنىمۇ كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. لېكىن، ئەرمەنلەرنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تەقەززالىرىنى ئورۇنلىماسلىقى، رايوندىكى قوراللىق پائالىيەتلىرى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى بولغان زانگېزور كارىدورىنىڭ ئېچىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. 24 سائەت داۋاملاشقان قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت بىلەن رايوندا قالغان ئەرمېنىيە قىسىملىرى مەغلۇب بولدى. ئەرمېنىيە قىسىملىرى پاشىنياننىڭ قوللىشىنىڭمۇ يېتەرسىز بولغانلىقىدىن ئۇرۇشنى  داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى ۋە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەمدىلىكتە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قاراباغنى قەدەممۇ قەدەم كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشقا باشلىدى، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىندى. شۇنداق قىلىپ، ئەزەربەيجان 30 يىلدىن كۆپرەك ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلغان بولدى.

پاشىنياننىڭ رەھبەرلىكىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئالدىدا ئىككىلا تاللاش قالدى. يا تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى ئۈستەلدە مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەرگە قوشۇلۇش ئارقىلىق گۈللىنىشتىن نېسىۋىگە ئېرىشىش ۋەياكى توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلىتىنى يوقىتىش گىردابىغا سۆرەش.

سىممېترىك نۇقتىدىن تولىمۇ ئاجىزلاشقان ۋە بىر بۇلۇڭغا قىستالغان ئەرمېنىيەنىڭ بىرىنچى تاللاشقا مەبلەغ سېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدەك قىلىدۇ. لېكىن ئەرمېنىيە ئىچىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە توقۇنۇش بۇ سىياسەتكە يول قويامدۇ، يوق؟ بۇنى پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر