تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (52)

2029103
تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسى

تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (52)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى بىر رامكا ئىچىدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ قېتىم ئاپرېلدا موسكۋادا ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئىراننىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن، ئاپرېلدىن بۇيان مۇزاكىرەلەرنىڭ مۇساپىسى كۈنسېرى ئېنىقسىزلاشماقتا. بۇ ئېنىقسىزلىق سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېرى، تاشقى ئاكتىيورلارنىڭ ئوخشىمىغان مەقسەتلىرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن يېپىق پوزىتسىيەسى ۋە سۈرىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىدىن شەكىللەنمەكتە. تۈركىيە - سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە يېتىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان باشقا ئامىللارمۇ بار، ئەلۋەتتە.

بىرىنچى بولۇپ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جەرياننى «نورماللىشىش» دەپ ئاتاش ھەم خاتا، ھەم ھەددىدىن زىيادە ئىجابىيلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدىكى بىرىنچى مەسىلە، سۈرىيەنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان، چېگرالىرى بەلگىلەنگەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ۋەھالەنكى ھەقىقىي نورماللىشىش سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا چېتىشلىق ئالدىنقى ئۈچ شەرتنى ئورۇنلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھازىر بۇ شەرتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئورۇنلانغىنى يوق. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز زېمىنىدا تولۇق ھوقۇقى يوق، دۆلەت زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن يوقسۇن ۋە سىياسىي بىرلىكمۇ يوق. بولۇپمۇ، سۈرىيە دۆلىتى ئۆز نىشانىنى مۇستەقىل ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك ھەقىقىي ئىقتىداردىن مەھرۇم. بۇ مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەبلەر ئارىسىدىكى نورماللىشىش تىرىشچانلىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئىككىنچى قىيىنچىلىق بولسا، نۆۋەتتىكى شارائىت بىلەن كۆزلىگەن نەتىجە ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقتىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرسى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بولۇپ، بۇ جەھەتتە يېقىنقى يىللاردا ئادانا ئەھدىنامىسى دائىم دېگۈدەك ئاساسلىق ھۆججەت دەپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۈركىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا پ ك ك/ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە يېڭى ھەمكارلىق ئۇسۇلىنىڭ ئورنىتىلىشى ئېنىقسزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەم تۈركىيە ھەم ئەسەد ھاكىمىيىتى ي پ گ غا قاراتقان پوزىتسىيەلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىشى لازىم. ئەمما، تۈركىيە سۈرىيەدە پ ك ك غا قارشى مەيدانىدا قەتئىي بولۇپ،  ئاخىرىدا ي پ گ نى ئۇجۇقتۇرۇشنى ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ نۇقتىدا، ھەممىسى دېگۈدەك قىسقا مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرى سۇنىدىغان ھەر خىل ئىستراتېگىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بىرىنچىدىن، ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى پ ك ك نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ، پ ك ك /ي پ گ نى مۇنبىچ ۋە تېلرىفات قاتارلىق رايونلاردىن قوغلاپ چىقىرالىشى كېرەك. پ ك ك نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ھەمدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭمۇ ھازىر ھەم ئىقتىدارى، ھەم نىيىتى بولمىغان بۇنداق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى ناتايىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىلەن پ ك ك/ي پ گ غا قارشى چەكلىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ تەشكىلاتقا قارشى بېلىكىنى كۈچەيتەلىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ي پ گ بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىق سۈرىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرەلەردە مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا، تېررورلۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىكى ئوخشىماسلىق مۇزاكىرەلەردە ئىلگىرىلەش بولماسلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

شۇنىڭدەك، پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىش مەسىلىسىمۇ ئەمەلىي ۋەزىيەت بىلەن كۆزلىگەن ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ھەرىكەتچانلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان يەرلىك ئىدارە ئەندىزىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلتىك خەۋەر كىشىنى جاسارەتلەندۈرىدۇ. لېكىن بۇ ئەۋزەللىكلەرگە قارىماي، پاناھلانغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا قايتىشىغا دائىر قىيىنچىلىقلار داۋاملاشماقتا. يېقىندا بۇ رايونلارغا قايتىپ بارغانلار جاسارەتلىرىنى ۋەيران قىلىدىغان مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن لىۋان ۋە ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەردىن قايتىپ كېلىشلەر ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى قايتىپ كەلگەنلەرنى «خائىن» دەپ قاراۋاتقان، ئۇل-ئەسلىھە ۋەيران بولغان، ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەر چەكلىك بولغان، توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ۋەيرانچىلىق ئىچىدىكى رايونلارغا قايتىش ھەقىقەتەنمۇ زور قىيىنچىلىق. مۇقىم ۋە ئەتراپلىق پىلان-لايىھە بولماي تۇرۇپ، كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش پاناھلانغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىخەتەر رايونلارنى كېڭەيتىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى كۈچەيتىش پاناھلانغۇچىلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغۇسى.

يەنە بىر ھالقىلىق ئەندىشە بولسا، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىدىكى رولىغا بولغان ئېنىقسىزلىققا مۇناسىۋەتلىك. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىش، ھەربىي ۋە سىياسىي قۇرۇلمىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ھاكىمىيەت بىلەن مۇزاكىرەلىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپلا قالماي، ھەتتا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە  نىسبەتەن تەسلىم بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيە بۇنداق ئەھۋالنى قوبۇل قىلمايدۇ. نەتىجىدە، جەنۋە مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان توختاپ قالغان ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئالداش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئالاقە نۇقتىسى ئورنىتىش چوڭ قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ.

يارىشىش سۆھبىتىنى خاراكتېرلەندۈرىدىغان ئېنىقسىزلىقلارنى كۆزدە تۇتقاندا، تۈركىيە ئۈچۈن نۇرغۇن خەتەرلەر مەيدانغا چىقماقتا. ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى بىلەن ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىشىنى بىرلەشتۈرگەندە، تۈركىيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇزاكىرەلەرنى ئىستراتېگىيەلىك ھالدا توقۇنۇشنى ئۇزارتىشقا سۈيىئىستېمال قىلىش خەۋپىمۇ مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى نوپۇس قۇرۇلمىسى جەھەتتىن قايتا شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشىمۇ تۈركىيە ئۈچۈن قوشۇمچە قىيىنچىلىىق پەيدا قىلماقتا. تۈرك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ھەلەبتىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايتىشى ئىران ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە.

ئىچكى ئۇرۇش تارىخى بىزگە بۇ توقۇنۇشنىڭ كەم دېگەندە يەنە 15 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە قايتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ %50 ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  بۇ نەزەرىيە بويىچە بولغاندا، سۈرىيە ئۇرۇشى كەم دېگەندە يەنە ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ. سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىكى يەرلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ مۇرەككەپ تەسىرلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ ئۇرۇشنىڭ كەم دېگەندە يەنە 15 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

ئەنقەرە چوقۇم تۈركىيە-سۈرىيە مۇزاكىرەلىرىنىڭ چەك – چېگراسى بارلىقىنى ۋە ئەمەلىي رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭمۇ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ھامان ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر