تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پ ك ك – ك د پ توقۇنۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (51)

2026259
تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پ ك ك – ك د پ توقۇنۇشى

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پ ك ك – ك د پ توقۇنۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (51)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پ ك ك – ك د پ توقۇنۇشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى ھەم دۆلەت ئىچىدە، ھەم ئىراق ۋە سۈرىيەدە پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ۋە كورد دىموكراتىك پارتىيەسى ك د پ كۈچلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كورد دىموكراتىك پارتىيەسى ك د پ كۈچلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن زور تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم.

دەرۋەقە سايلاملاردىن كېيىنلا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماق قىسىملىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن قايتا باشلاندى. نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى بويىچە پۈتۈن مەيدانلاردا بېسىم كۈچەيتىلىپ، تەشكىلاتنىڭ قايتا ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. تۈركىيە مىقياسىدا قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملار بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردا قالغان ئاخىرقى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىمۇ قويماي يوقىتىشقا تىرىشماقتا.  

سايلاملاردىن كېيىن پ ك ك «توقۇنۇشماسلىق» مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، تەشكىلاتنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا پائالىيەت قىلىش ئىقتىدارى ئۇزۇندىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، يېزا پارتىزانلىق ھەرىكىتى شەكلىدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭمۇ نەتىجىسىز قالغانلىقى مەلۇم. تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان كۈرىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۈتكۈل مەيدانلاردا ئاكتىپ داۋاملىشىۋاتقان بولسا، سايلاملاردىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى كۈنسېرى كۈچەيتىلمەكتە.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى 27-مايدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ يېزا ۋە تاغلىق رايونلىرىدا پەقەت 77 نەپەر پ ك ك ئۇنسۇرى قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. گەرچە بۇ ساننىڭ پۈتۈنلەي توغرا ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقسىز بولسىمۇ، تەشكىلاتنىڭ سان، ئورۇنلىشىش ۋە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يوقاتقانلىقى مەلۇم.

شۇنىڭدەك، ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا رايوندىكى ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. زاپ رايونىدا كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۈپ، شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى كورد دىموكراتىك پارتىيەسى ك د پ غا تەۋە پەشمەرگە قىسىملىرىمۇ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق زاپ رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاشقان ئەھۋالدا تۇرماقتا.  پ ك ك ئۇنسۇرلىرى پەشمەرگىلەرگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، ك ج ك/ پ ك ك نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ك د پ رەھبەرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا.

پ ك ك تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى كورد دىموكراتىك پارتىيەسى ك د پ غا تەۋە پەشمەرگە قىسىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ك د پ نىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى كېرەكلىك رايونلاردا ۋە يېزىلاردا ئەمەلىي ھاكىمىيەت قۇرالايدىغان جايلارنى بەرپا قىلىپ، بۇ يەرلەرنى تېررورلۇق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. يەنە كېلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ئىران، ھاشدى شاببى ۋە ك ي ب بىلەن تۈرلۈك ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، رايوندا ك د پ نى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ك د پ بولسا، كۈنسېرى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى تاشلىماقتا. ك د پ ئۆز رايونىدا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسا، پ ك ك نىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ھەل قىلغۇچ قەدەملەرنى تاشلاشقا مەجبۇر. بۇ نۇقتىدىن پ ك ك بىلەن ك د پ/ پەشمەرگە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر