ھاقان فىداننىڭ تاشقى سىياسەت نىشانى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

2023266
ھاقان فىداننىڭ تاشقى سىياسەت نىشانى

ھاقان فىداننىڭ تاشقى سىياسەت نىشانى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (50)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاقان فىداننىڭ تاشقى سىياسەت نىشانى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان 14-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىەت نىشانى ۋە مىنىستىرلىقنىڭ رولى ھەققىدە شۇ چاغقىچە سۆزلەنگەن ئەڭ ئەتراپلىق نۇتۇقىنى سۆزلىدى. ئالدى بىلەن يەرشارى تەرتىپىنىڭ «مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل كىرىزىس» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھاقان فىدان، نۆۋەتتىكى ئادالەتسىزلىككە، كۈچىيىۋاتقان خەۋپلەرگە ۋە خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ «ئۆزگىرىش» گە بولغان ئېھتىياج تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەردىن بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى خەلقئارالىق تۈزۈمنى شەكىللەندۈرىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە ئەسرى تاشقى سىياسىتى نىشانىنىڭ «تۈركىيەنى سىستېما بەرپا قىلىدىغان ئاكتىيورلاردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شۈبھىسىزكى، تۈركىيە يالغۇز ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە « ھەل قىلىش چارىسى مەركەزلىك يېڭى كۆپ تەرەپلىمىلىك چۈشەنچىسى» گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يۇقۇم ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدىكىگە ئوخشاش «ھەممىنى قۇچاقلىغۇچى ۋە سىغدۇرۇشچان بىر خەلقئارالىق سىستېمانىڭ قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.

فىدان سۆزىدە تۆت ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى.

«رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش، تاشقى مۇناسىۋەتنى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئاساسقا ئىگە قىلىش، گۈللىنىش مۇھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنياۋى نىشانىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش»

بۇ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتىن مۇداپىئەگىچە، ئېنېرگىيەدىن ئۇچۇر-ئالاقىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ رايون، دۆلەت ۋە مەسىلىلەرگىچە بولغان كۆز قارىشىنى يىغىنچاقلىغان «مىللىي تاشقى سىياسەت تەسەۋۋۇرى» نىڭ ھەم ئەردوغاننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن سىياسىي چۈشەنچىسىگە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىلدىكى سايلام خىتابنامىسىنىڭ ئۇقۇملىشىشىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاقان فىداننىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئۈچۈن بايان قىلغان نىشانى ۋە تەسەۋۋۇرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ 20 يىللىق تاشقى سىياسەت تەجرىبىسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئېنىق. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يەر شارى سىستېمىسىغا يېڭى ئېنىقسىزلىق ۋە توقۇنۇشلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمۇ ھەممىگە ئايان. ئافرىقادىكى يۈرۈشلۈك ھەربىي ئۆزگىرىشلەر يېڭى چوڭ كۈچ رىقابىتىنىڭ سەھنىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. يەرشارى ۋە رايون خاراكتېرلىك كۈچلەرنى يېڭى كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلار كۈتمەكتە.

مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، ھاقان فىدان ئىپادىلىگەن مىللىي تاشقى سىياسەت تەسەۋۋۇرى ھەم ئېھتىياجدىن، ھەم تۈركىيە ئۈستىگە ئالغان يېڭى خەلقئارالىق سالاھىيەت ئىزدىنىشىدىن ئوزۇقلانماقتا. بۇ نىشان ئۇلۇغۋار، ئەمما تەۋەككۇلچىلىق ئەمەس. سىستىمىلىشىشقا، بىر گەۋدىلىشىشكە، پىرىنسىپلارغا، كۆپ تەرەپلىمىلىككە، دوست ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا رېئال مۆلچەرلەرگە ئىگە. ئۇ يەنە، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپلىرىنىمۇ بىلىدۇ. ئەلۋەتتە، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت نىشانىغا يېتىش تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ماسلىشىش ۋە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەل مانا بۇ نۇقتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە تەجرىبىسى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

تۈركىيە ئەسرى تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاقان فىدان مىنىستىرلىققا تاپشۇرغان رولنى ئۈچ ماۋزۇدا خۇلاسىلىدى. تاشقى مۇناسىۋەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىنى قورال - ۋاستىلىرى بىلەن مەھكەم تۇتۇش، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر ھەققىدە مەۋقە ھاسىل قىلىش ۋە مىنىستىرلىقلار بىلەن ئورگانلار ئارىسىدا ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

ھاقان فىدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بەلگىلىگەن بۇ ئۈچ ۋەزىپە دىپلوماتلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ ھەمدە تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن دىپلوماتىك ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر