ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى زىيارىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (47)

2014225
ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى زىيارىتى

ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى زىيارىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (47)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى زىيارىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سايلامدىكى غەلبىسىدىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە تاشقى سىياسەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلىۋاتقان شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم تەسىرگە ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى زىيارىتىنى باشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتارنى زىيارەت قىلغان ئەردوغان، يېنىدىكى چوڭ ھەيئەتلەر بىلەن بىرگە تولىمۇ مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. بۇ زىيارەت ۋە تۈزۈلگەن كېلىشىملەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم بىر جەريان باشلاندى، دېيەلەيمىز.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 3 كۈنلۈك پارىس قولتۇقى ساياھىتى دائىرىسىدە 3 دۆلەتنى زىيارەت قىلدى. زىيارەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى رايون خاراكتېرلىق تەرەققىيات بىلەن بىرگە ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بولدى.  سەئۇدى ئەرەبىستان ئەردوغاننىڭ بىرىنچى بېكىتى بولدى. ئەردوغان پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد ۋە ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇھىم ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى بايقار شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئەۋلاد قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاكىنچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سېتىپ بېرىش، تەربىيىلەش ۋە بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. بايراقتار شىركىتى خوجايىنى ھالۇك بايراقتار ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كېلىشىملەرنىڭ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بىر قېتىمدىلا تۈزگەن ئەڭ چوڭ كېلىشىمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغاننىڭ  ھەيئىتىدىكى مىنىستىرلارمۇ مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغان قاتارغا يېتىپ بېرىپ قاتار ئەمىرى ئەل سانى بىلەن كۆرۈشتى. دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن قاتار-تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغىمۇ قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىدى. قاتار بىلەنمۇ بەزى يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

ئەردوغاننىڭ ئاخىرقى بېكىتى چارشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زەيىد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى. مەتبۇئاتلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلىشىچە، بۇ قېتىمقى  زىيارەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى كېلىشىملەر تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم. رەسمىي باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا 50 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالانغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە، مۇداپىئە سانائىتى، قاتناش، سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىمۇ يۇقىرى سوممىلىق كېلىشىملەر ئىمزالانغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە مۇھىم مەبلەغلەرنى سېلىشىمۇ قارار قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بولۇپمۇ بايقار شىركىتى ۋە تۈركىيەدىن كۆپ مىقتاردا قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

ئەردوغاننىڭ بارلىق زىيارەتلىرىدە تۈركىيەنىڭ يېڭى نوپۇزلۇق  ۋە  توكلۇق ئاپتوموبىلى <توگگ> نى سۆھبەتداشلىرىغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئاممىۋى دىپلوماتىيە ئېلىپ بارغانلىقى كۆرۈلدى.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەردوغاننىڭ پارىس قولتۇقى زىيارتىىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئەستايىدىل بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. قاتار بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئالدىنقى پىلانغا چىققان بىر پەيتتە  سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەنمۇ شۇنداق بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمدىلىكتە رايون خاراكتېرلىق نورماللىشىشتىن ھالقىپ، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى كۆرۈۋالالايمىز. تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتى يېڭى ۋەزىيەت شارائىتتا بىر-بىرىنى تولۇقلىغان بولسا، ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسلارنىڭ بۇ ئىتتىپاقلىققا ئىلھاملاندۇرغۇچ رول ئوينىغانلىقى ئېنىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر