ش ئا ئە ت (ناتو) نىڭ ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (46)

2011175
ش ئا ئە ت (ناتو) نىڭ ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى

 

ش ئا ئە ت (ناتو) نىڭ ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (46)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ش ئا ئە ت (ناتو) نىڭ ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرى ئىچىدە، شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىق مەسىلىسى، رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە، بىخەتەرلىك پىلانى، ناتونىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسى، ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقى، بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە مۇداپىئە چىقىمى قاتارلىق مەسىلىلەر بار. ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە بىناكارلىقى دەپ ئاتالغان مەسىلە پەقەت مۇشۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قۇرۇلمىلىق ھالدا شەكىللىنىشى مۇمكىن.

شىۋېتسىيە  مەسىلىسى ۋە نارازىلىقلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. ۋېنگىرىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، توسالغۇنى يەڭگىلى بولىدۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى بولسا، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن ھەل قىلىنغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئەزا بولۇش ئۈچۈن يەنە بېسىپ ئۆتۈشى كېرەكلىك نۇرغۇن يوللار بار. ھازىرچە ھېچكىم شىۋېتسىيەنى باشلىقلار يىغىنىدا خۇش كەپسىز دېمەيدۇ. چۈنكى نارازىلىقلار تۈگىگەن تەقدىردىمۇ جەريانلار داۋاملىشىدۇ.

ناتونىڭ يېڭى كۈچ قۇرۇلمىسى، ئىتتىپاقنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇداپىئە تۈرلىرى، كىرىزىس مەزگىلىدىكى چېكىندۈرگۈچ كۈچى، مۇداپىئە ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار يېڭى قوماندانلىق مەركىزى، كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئە/ ئىنكاس كۈچى قاتارلىقلار ... سانى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. پىلان ئامېرىكا قوماندانى كرىستوفىر كاۋولى باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەييارلاندى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق كۈچى قۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇ قۇرۇلما ھاۋا، دېڭىز ۋە تور ساھەسىدە قايتا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. يېڭى پىلان ئەمەلگە ئاشقاندا،ناتونىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە رۇسىيەگە ناھايىتى كۈچلۈك سىگنال بېرىلگەن بولىدۇ. ئەمما، بۇ پىلان ئىمزالانغان تەقدىردىمۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېسىپ ئۆتۈشى كېرەكلىك ئىنتايىن ئۇزۇن يول بار. بولۇپمۇ بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇرۇشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. گېرمانىيە بۇ جەھەتتە ئەڭ ھالقىلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېلان قىلىنغان ۋە تارىختا تۇنجى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ھۆججىتى گېرمانىيەنى ياۋروپادا ۋە دۇنيا سىياسىتىدە مۇھىم ئاكتىيورغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، گېرمانىيە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش گېرمانىيەنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ھالقىلىق جەريان ھېسابلىنىدۇ.

ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىش مەسىلىسىگە بولسا، تەشكىلات ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق پىروگراممىسى ھازىرچە ئەڭ ياخشى تاللاشتەك قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، ئەمما بۇ مەسىلىنى ناتونىڭ ئۈستىلىگە قويۇش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئورتاق رامكا يارىتىش تەس. لېكىن ئوق-دورا يېتىشمەسلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە جىددىي ياردەم بېرىلمىسە، رۇسىيە قايتىدىن ھەرىكەت ئۈستۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. مىسكەت بومبىلارنى ئەۋەتىش ھازىرچە تېپىلغان ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى. بىراق، بومبىنىڭ خاراكتېرىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ مەسىلىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق.

ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشمۇ ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. %2 لىك ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئۈچۈن كەم دېگەندە يەنە ئىككى يىل بار. ياۋروپانىڭ يېڭى خامچوت تۈزۈپ چىقىشى مۇزاكىرە قىلىنغان فورمۇلالارنىڭ بىرسى. لېكىن بۇ مەسىلىدە بىردەكلىك شەكىللەنگىنى يوق. گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدىلا بۇ نىسبەتتىن ئېشىشى ناتوغا نىسبەتەن مەسىلە ياراتقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. چۈنكى گېرمانىيە بۈگۈنگە قەدەر ئارمىيەسىدىنمۇ بەكرەك ئىقتىسادىغا كۆپرەك مەبلەغ سالدى. فىرانسىيە بولسا، باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر.

بۇ باشلىقلار يىغىنى نۇرغۇن جەھەتتىن ناتونىڭ ئەڭ ھالقىلىق يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. خىتايغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش، رۇسىيەنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىق ئۈمىدى قاتارلىقلار ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناتو ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە ۋە بۇ ئۆزگىرىش دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر