گىرېتسىيەدىكى سايلام ۋە تۈرك ئاز سانلىقلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

2003557
گىرېتسىيەدىكى سايلام ۋە تۈرك ئاز سانلىقلىرى

گىرېتسىيەدىكى سايلام ۋە تۈرك ئاز سانلىقلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «گىرېتسىيەدىكى سايلام ۋە تۈرك ئاز سانلىقلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

گىرېتسىيە خەلقى 25-ئىيۇندا بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق سايلام ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان بولىدۇ. راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سايلامدا دىندار يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى (Nea Demokratia) ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا ۋە بەلكىم بۇ قېتىم يالغۇز ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقالىغۇدەك كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. گىرېتسىيەدىكى سايلاملاردا، كۈچەيتىلگەن نىسپىي سايلام تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولغاچقا بۇ ئەھۋال دىندار يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ  بىلەن بىرلىكتە 25-ئىيۇندىكى سايلاملاردا، تۈرك ئاز سانلىقلىرى دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىي تالاش - تارتىشلىرىغا سۇيىئىستېمال ئوبيېكتى قىلىنىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركلەرنىڭ ئاز سانلىق ھەق- ھوقۇقىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ئەندىشە ياراتماقتا.

گىرېتسىيەدە 25-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا، دىندار يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى كۈچەيتىلگەن نىسپىي سايلام تۈزۈمىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قېتىم يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا ئۆتەلەيدىغان دەرىجىدە كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. رەقىبى بولغان سىرىزاغا ئوخشاش باشقا پارتىيەلەر خېلىلا ئارقىدا قالغاندەك كۆرۈنمەكتە. 2023-يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، سىرىزا پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ئارقىسىدا قالغان ئىدى. گرېتسىيەنىڭ بارلىق مەمۇرىي رايونلىرىدا، سىرىزا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بىردىنبىر رايون، گۈمۈلچىنە ۋە شاپچى قاتارلىق تۈركلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان رودوپ رايونى بولدى.

شۇڭا، تۈركلەر گىرېتسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى سىياسىي كۈرەشتە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بولۇپمۇ يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى تۈركلەر ۋە ئۇلارغا يېقىن نامزاتلارنى ئەيىبلەش ئارقىلىق رەقىب پارتىييەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. باش مىنىستىر ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كىرياكوس مىتسوتاكىس تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەدىكى ئومۇمىي سايلامغا ئارىلىشىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈمۈلچىنەدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى سىرىزا پارتىيەسىنىڭ تېگى تۈرك ئىككى نامزاتى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىرىزا پارتىيەسى رەھبىرى ئالېكىس چىپراس بولسا، ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئىككى تۈرك پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى ھۈسەيىن زەيبەك بىلەن ئۆزگۇر فەرھاتقا تىزىملىكتە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن بېرىپ، مىتسوتاكىسنىڭ تۈرك ئاز سانلىقلىرىنى سايلامدا سۈيىئىسيېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى 21- مايدىكى سايلامدا %40 تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشتى، ئەمما غەربىي تراكيا تۈركلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر رايون بولغان رودوپتا يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلمەي ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇ ۋەجىدىن يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى رودوپتىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبچىسى سۈپىتىدە، سىيرىزا پارتىيەسىنى ۋە تېگى تۈرك پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىنى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى، دەپ تەتۈر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق غەربىي تراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

دەرۋەقە، سىيرىزا پارتىيەسىنىڭ غەربىي تراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى بىلەن ئوخشىمايدۇ. سىيرىزا پارتىيەسى تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرك تەرەپدارىدەك ئوبرازنى يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلىرى

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە بىنائەن، غەربىي تراكيادىكى تۈرك نوپۇسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەجبۇرىي نوپۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ سىرتىدا قالغان ئىدى. شۇڭا، ھازىر غەربىي تراكيادا سانى نەچچە يۈزمىڭلارغا يېتىدىغان مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلىرى مەۋجۇت. غەربىي تراكيا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن رودوپ، شانتى ۋە مەرىچ ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1923-يىلدىكى لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى بىلەن غەربىي تراكيادىكى تۈرك خەلقىگە «ئاز سانلىق» سالاھىيىتى بېرىلگەن، ئەمما تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇساپىسىگە پاراللېل ھالدا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى غەربىي تراكيا تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت ھەق-ھوقۇقى» لىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق- ئاستى قىلماقتا.

بۇ مەسىلىلەر، بولۇپمۇ مائارىپ ۋە دىنىي ئەركىنلىك ساھەلىرىدە كۆرۈلمەكتە. گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى «تۈرك ئاز سانلىقلىرى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىقلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىزاھلاش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلماي كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش» ماددىلىرىدا «مۇسۇلمان» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، «تۈرك» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن شەرتنامىنىڭ باشقا ماددىلىرىدىن ۋە يىغىن ئارخىپلىرىدىكى باياننامىلەردىن نوپۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىقلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ، ئالدىنقى سايلامدىكىگە ئوخشاش غەربىي تراكيا تۈركلىرى ھەمىشە ئىچكى سىياسەتتە مۇنازىرە ۋە كۈرەشنىڭ سۈيىئىستېمال ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلماقتا ۋە ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. گىرېتسىيە سىياسىەتچىلىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى، تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ ھەق–ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال ئوبيېكتى قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر