ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئارىقىغا بولغان تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (06)

1889932
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئارىقىغا بولغان تەسىرى

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئارىقىغا بولغان تەسىرى

(دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش)

 سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى ۋە يازغۇچىسى

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشى ۋە ئۇكرائىناغا تەۋە تۆت رايوننى رېفېراندۇم ئارقىلىق قوشۇۋېلىشى بىلەن تەڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. رۇسىيە ھازىرقى باسقۇچتا لۇخەنكس دونېتكىس، خېرسون ۋە زاپورىجيا رايونلىرىدا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈپ، بۇ رايونلارنى ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېلان قىلدى. قوشۇۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغان كۈنى پۇتىن يەنە، بۇ يەرلەرگە قىلىنىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىش بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللارنى ئىشلىتىش قاتارلىق بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن مەيداندىكى ئەھۋال رۇسىيەنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇب سېپىدە رۇسىيەگە قارشى زور ئىلگىرىلەشلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە رۇسىيە قىسىملىرى كۈنسىرى تېخىمۇ كۆپ يوقۇتۇشقا دۇچار بولماقتا،

يەنە بىر تەرەپتىن قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىشلارنىڭ تولىمۇ  ئاستا كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. رۇسىيە قىسىملىرى 8 ئايلىق ئۇرۇشتا بولۇشىغا چارچىغان ۋە بۇ ئەھۋال ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئىنتايىن تۆۋەنلىتىۋەتكەن ۋىزىيەتتە تۇرماقتا. پۇتىننىڭ يادرو تەھدىتىگە قارىتا ئامېرىكانىڭ «بىزمۇ جاۋاب قايتۇرىمىز» دېگەن باياناتى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقتا. قوشۇۋېلىش قارارىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 625 مىليون دوللارلىق يېڭى ياردەملەرنى بەردى. ھەربىي ياردەملەر ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئېھتىمالىنى يۇقىرى كۆتۈردى.  ئېنېرگىيە كرىزىسى بىلەن بوغۇشىۋاتقان ياۋروپامۇ رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ ۋەقەلەرگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىمۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇرۇشنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم تەسىرى ھازىرقى رايوندىكى كرىزىسلارنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى بولدى.  لىۋىيە، سۈرىيە، يەمەن، ئىراق ۋە ئىراندىكى مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش چەمبىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بۇ مەسىلىلەر ئىچىدە ، بولۇپمۇ لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەندە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئارزۇ قىلىنغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى بىلەن مەيداندىكى رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ئېغىر پەرقلەر شەكىللەنمەكتە. بۇ ئەھۋالنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ، يەرلىك ئاكتىيورلار بىلەن مەسىلىگە چېتىشلىق تاشقى ئاكتىيورلارنىڭ پەرقىمۇ تەدرىجىي چوڭايماقتا. مەسىلەن؛ سۈرىيە مەسىلىسىدە داۋاملىشىۋاتقان دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەييارلاش نۇقتىسىدىكى ھەل قىلىش مۇساپىسى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن ئاستىلاپ، توختاپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر تەسىرى شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاكتىيورلار ئارىسىدا يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق كۈرەشنى بارلىققا كەلتۈردى. رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە ياراتقان كۈچ بوشلۇقى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇشنى ئۆزگرتىشى ياكى ئېنىقسىزلىققا يۈزلىنىشى ھەمدە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قارشى كۈرەشكە مەركەزلىشىشى سەۋەبىدىن رايوندىكى دۆلەتلەر يېڭى بىر كۈرەشكە يۈزلەندى. سۈرىيەدىكى رۇسيە پەيدا قىلغان كۈچ بوشلۇقىنى تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ تولدۇرۇش ئارزۇسىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ. لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارغىمۇ مۇشۇ پەنجىرىدىن قاراش كېرەك.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن رۇسىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ ئۆزگەردى. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمدىلىكتە يېڭى مۇداپىئە ھەمراھى ئىزدەشكە ئۆتتى. رۇسىيە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە مۇھىم قورال ساتقۇچى سالاھىتىگە ئىگە. ئەمما نۆۋەتتىكى ئۇرۇش روسىيەنى ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. گەرچە بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتورىسىىدا يېڭى پۇرسەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى ئاكتىيورلار خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان قورال تەمىنلىگۈچىلەرگە يۈزلەنمەكتە. تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمىمۇ بۇ مىساللار ئىچىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىرىدىن بىرسى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ناچار تەسىرلىرىدىن بىرسى، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كرىزىسى پەيدا قىلغانلىقى بولدى. چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيە ياكى ئۇكرائىنادىن بۇغداي قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. مەسىلەن، مىسىر ئېھتىياجلىق بۇغداينىڭ %80 نى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئۇرۇش سەۋەب بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى نوپۇسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۇنيا نوپۇسىنىڭ%20 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، يېمەكلىك كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغىنى تەخمىن قىلالايمىز. بۇ خىل خاتىرجەمسىزلىك توقۇنۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.  

ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەسىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۈبھىسىزكى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما باھانىڭ ئۆسۈشى بىلەن كېلىپ چىققان يېڭى تەننەرخ ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسى رايون دۆلەتلىرىگە سەلەبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋالدا، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ئاجىز دۆلەتلەردە يېڭى مۇقىمسىزلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپادىلا ئۆزگىرىش پەيدا قىلماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەر شارى سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر كرىزىسقا ئايلانغانلىقى مەلۇم.  قىسقىسى شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق بۇ كرىزىسنىڭ سەلەبىي تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر