كولومبىيە راماللاھتا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو راماللاھتا ئەلچىخانا ئېچىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.

2143242
كولومبىيە راماللاھتا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىلبېرتو مۇرىللو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، راماللاھتا كولومبىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پىرېزىدېنت پېترو راماللاھتا كولومبىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈردى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىزنى باشلايمىز» دېدى.

ئۇ ئەلچىخانىنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمەستىن، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ ئىسىرائىلىيە ياكى يەھۇدىيلارغا قارشى چىقىرىلغان قارار ئەمەس. پەلەستىن تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

كولومبىيە 2018-يىلى 3-ئاۋغۇست پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، 3-ماي (2024) غەززەدە پەلەستىن خەلقىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى سەۋەن كۆرسىتىپ، ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر