غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 943 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 943 كە يەتتى.
2138327
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇدا 6 قېتىم يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلىرى داۋامىدا يەنە 39 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 58 پەلەستىنلىك يارىلانغان.
شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 943 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 78 مىڭ 572 گە يەتكەن.