ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋىنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2133165
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېكس (X) بېتىدە، غەززەدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، خالېۋىنىڭ ئىسىرائىلىيە جەنۇبىي ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى يارون فىنكېلمان ۋە بەزى قوماندانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززەدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ «ۋاللا» (Walla) تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ئارمىيە ئىشتاب باشلىقىنىڭ رەفاھنى ئىشغال قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيە ئاشقۇن ئوڭچى مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ تۈنۈگۈن (28-ئاپرېل) نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەفاھنى ئشىغال قىلالمىغان ئەھۋالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرەلىرىگە «ئاخىرقى پۇرسەت» نى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا رەفاھقا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر