مىچوتاكس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرغىچە چىقارغان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2129400
مىچوتاكس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرغىچە چىقارغان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارارلار ياۋروپا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا كىرىپ كىتېۋېتىپ بەرگەن باياناتىدا، يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەييارلىغان ئىلگىرىلەش دوكلاتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ھازىرغىچە چىقىرىلغان قارارلاردىن رازى. بۇ قارارلار ياۋروپا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ»  دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدىكى تەرەققىياتقا ئاساسەن ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىچوتاكس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىبرىس مەسىلىسىدىكى يېڭى ۋەكىلىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋە بېرىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر