كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى

كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.

2133770
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ شىمالىدىكى بولىۋار مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق گۇاراپېرا يېزىسىدا چۈشۈپ كەتكەن «MI-17 HK3395» نومۇرلۇق ھەربىي تىك ئۇچاردا بىرسى گېنىرال، 8 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى قازا قىلدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازا قىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن «چوڭقۇر» قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ «كلان دېل گولفو» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە يېرىم ھەربىي تەشكىلاتقا قارشى ھەرىكەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر