زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇملارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ھۇجۇملارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2133900
زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇملارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پايتەخت كىيېۋدا زىيارەتتە بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قورال ئەۋەتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي: «شۇڭا، تېزدىن (قورال) يەتكۈزۈپ بېرىش ئالدىنقى سەپنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ: «155 كالىبېرلىق زەمبىرەكلەر، يىراق مۇساپىلىك قوراللار، <ۋەتەنپەرۋەر> سىستېمىلىرى قاتارلىق ھاۋا مۇداپىئەسى... بۇلار ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ قولىدا بار بولغان، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تېررورلۇق خىرىسلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك بولغان نەرسىلەر. رۇسىيە ئارمىيەسى يېڭى ھۇجۇملارغا تەييارلىق قىلماقتا. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قىلىنىدىغان ياردەمنىڭ ۋاقتىدا قىلىنىشى ھەققىدە ھېچقانداق ئىجابىي نەرسە كۆرمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى ۋە بۇ باسقۇچنى تېزلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زېلېنسكىي 7-ئايدا (2024) ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ باشلىقلار يىغىنى ئىتتىپاق ئۈچۈن بىر كۈچ كۆرسىتىش پەيتى بولۇشىمۇ، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئىتتىپاقنىڭ بىر دۈشمىنىنىڭ ناتونىڭ كۈچىيىشىنى رەت قىلىش-قىلالماسلىقىغا ئۇ يەردە قارار قىلىنىدۇ. بۇ قارار ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇكرائىنا ناتوغا كىرىش تەكلىپىنى ئېلىشقا لايىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر