پېسكوۋ: زېلېنىسكىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» كە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2141801
پېسكوۋ: زېلېنىسكىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۇ: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى <ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتى>گە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ياق، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىدۇ» دېدى.

باياناتچى پېسكوۋ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا بىخەتەر رايون قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2019-يىلى ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان زېلېنسكىينىڭ، 5 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۈگۈن (20-ماي) ئاخىرلىشىدۇ.

31-مارت ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر