ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 9 كىشى يارىلاندى

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۇر شەھىرىگە قاراشلىق سىددىقىن يېزىسىدا بىر ئۆيگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

2127678
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 9 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ  سىددىقىن يېزىسىدا بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بومباردىماندا، ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يارىلانغانلارنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن رايوندىكى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ يەنە، لىۋان چېگراسىغا جايلاشقان تاير خارفا، ئەددۇخايرا، لەببۇن ۋە ئالما ئەششاب قاتارلىق شەھەرلەردىكى بەزى جايلارنىمۇ ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر