ناتو ئىراننى ئەيىبلىدى

ناتو «ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى» نى ئەيىبلىدى ۋە ئىراننى سالماق بولۇشقا چاقىردى.

2127645
ناتو ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باياناتچىسى داخاللاھ ئېكس (X) ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىتتىپاقنىڭ ئىراننىڭ 13-ئاپرېل كېچىدە جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە سالماق بولۇشقا چاقىرغانلىقى» بىلدۈردى.

ئۇ ناتونىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتمەسلىكى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئىسىرائىلىيە 1-ئاپرېل (2024) ئىراننىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى بومباردىمان قىلىپ، يەتتە ئىرانلىقنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالى بار ئىدى.

ئىران بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە بولسا، ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران 13-ئاپرېل كېچىدە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىپ يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. نەتىجىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەزى ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ھەربىي بازىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر