غەززەدە ب د ت ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم خىزمەتلىرى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتتا،6-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا غەززەنىڭ شىمالىدا ب د ت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ%41 ىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ياكى رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2127660
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى ۋە ۋەھشىيانە ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ شىمالىغا يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ياردەملەر ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.
ئۇچۇردا، غەززەنىڭ شىمالىدا 6-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېل (2024) غىچە بولغان ئارىلىقتا ب د ت ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ %41 ىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ياكى رەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
ئۇچۇردا، «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى، ياردەملەر پۇقرالارغا يەتكۈزۈلگەندە ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ» دېيىلدى.