ئىسرائىلىيە: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمىدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت تاراتقۇسى ئارمىيەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلغان ھالدا، ئىراننىڭ تۈنۈگۈن كەچتە تەخمىنەن 100 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 30 چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 160 كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قى

2127411
ئىسرائىلىيە: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇمى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، لىۋان، يەمەن ۋە ئىراقتىن ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 40 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە زېمىنى سىرتىدىلا «20 دىن ئارتۇق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» نى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، (ھۇجۇم جەريانىدا) ھېچقانداق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى، يېتىپ كەلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭمۇ ئۇل ئەسلىھەلەرگە يېنىك زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمىغانلىقى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر