پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق چۈشۈش سەۋەبىدىن 26 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ، بالۇچىستان ۋە خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق چۈشۈش سەۋەبىدىن 26 كىشى قازا قىلدى.

2127415
پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق چۈشۈش سەۋەبىدىن 26 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پەنجاپ ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 12 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، رەھىم يار خان، باھاۋالپۇر، باھاۋالناگار ۋە لودران رايونىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلغان.

بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن 8 كىشى قازا قىلىپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسى مەسئۇللىرى بولسا، ئۆلكىنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر