رۇسىيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىناغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائىتى ۋە يېقىلغۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى نىشانلارغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2127244
رۇسىيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىناغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنادىكى ھەربىي نىشانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى 6 -ئاپرېلدىن 12 - ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشىغا جاۋابەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائىتى ۋە يېقىلغۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن، دېڭىزدىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن 47  قېتىم كۈچلۈك گۇرۇپپا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى»  دېيىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ترانسپورت بازىلىرىغا شۇنداقلا ئەسكەرلىرى ۋە چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەركەزلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، بېكىتىلگەن پۈتۈن نىشانلارنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

باياناتتا يەنە، ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 21 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان، 583 ئايروپىلان، 270 تىك ئۇچار، 20 مىڭ 604 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 500 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 15 مىڭ 761 تانكا ۋە برونېۋىك، 1266 كۆپ نولۇق راكېتامىيوت، 8836 زەمبىرەك ۋە مىناميوت توپى ھەمدە 20 مىڭ 910 ئۇكرائىنا ھەربىي ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلاندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر