رۇسىيە يېڭى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى پايتەخت موسكۋادىكى بىر سىناگوگ (يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى)قا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

2126959
رۇسىيە يېڭى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى موسكۋادىكى بىر سىناگوگدا ئامما توپلانغان ئەسنادا تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ 2002 –يىلى تۇغۇلغان بىر پۇقراسىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر كىشىنىڭ ئىبادەتخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بومبا ياساش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى سېتىۋالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «تېررورچى 10-ئاپرېل قولغا ئېلىنىش جەريانىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

22-مارت كەچتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى «كروس سىتي» ناملىق كونسېرت زالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 144 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 11 ئادەم قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر