سېرگېي لاۋروۋ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە، ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى.

2126265
سېرگېي لاۋروۋ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ «ئۇكرائىنا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتى، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى ھەمكارلىقلىرى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي لاۋروۋنىڭ زىيارىتىنىڭ، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مۇشۇ ئاي (2024-يىلى ئاپرېل) ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر