خىتاي تۆت دۆلەت مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان جەۇبىي دېڭىزنى چارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئارمىيەسى ئامېرىكا، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2125999
خىتاي تۆت دۆلەت مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان جەۇبىي دېڭىزنى چارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، قوماندانلىق تەركىبىدىكى ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «بىرلەشمە جەڭ چارلاش پائالىيەتلىرى» نى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنماستىن، «رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىرىزىس نۇقتىلىرىنى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ كۆزىتىش ئاستىدا» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۆت دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن (7-ئاپرېل) ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ، جەنۇبىي دېڭىزدا «قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، دېڭىز ۋە ھاۋا سەپەرلىرى قىلىش ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش» ئۈچۈن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىدا، يەنى خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ۋە يېقىنقى كۈنلەردە ئىككى دۆلەت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلۇش دەرىجىسىگىچە يېتىپ بارغان جىددىيچىلىكلەر يۈز بەرگەن رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

جەنۇبىي دېڭىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان، رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىنىڭ مەركىزىي بولۇپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر