ياپونىيەدە 6 بال يەت تەۋرىدى

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقى فۇكۇشىما دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى 12 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە 6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2124668
ياپونىيەدە 6 بال يەت تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقى شەرقىي شىمالغا جايلاشقان فۇكۇشىما ئىشتاتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 40 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنمىدى.

يەر تەۋرەشنىڭ فۇكۇشىما تەۋەلىكىدە، تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى ئىۋاتې، مىياگى، ئىباراكى ۋە چىبا ئىشتاتلىرى بىلەن پايتەخت توكيودا ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر