ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى تەبرىكلەندى
بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلاندى.
2124718
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە، ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن (4-ئاپرېل) كى يىغىندا، 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇكرائىناغا ئۈنۈملۈك ھەربىي ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ رامكىدا، ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىدۇ.
يىغىنغا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تور ئارقىلىق قاتنىشىدۇ.