پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئەسكەرلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەسكەر قازا قىلىپ، تۆت ئەسكەر يارىلاندى.

2123123
پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئەسكەرلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Dawn» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بالۇچىستاننىڭ گۋادار رايونىدا قوراللىق كىشىلەر ئاكرا كائۇر توسمىسى ئەتراپىدىكى مىنالارنى تازىلاۋاتقان بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئىككى ئەسكەر قازا قىلىپ، تۆت ئەسكەر يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر