پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 8 كىشى قازا قىلىپ، 12 كىشى يارىلاندى

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 8 كىشى قازا قىلىپ، 12 كىشى يارىلاندى.

2122545
پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 8 كىشى قازا قىلىپ، 12 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق بەزى رايونلاردا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، بەزى يوللار تاقىلىپ قالدى.

كەلكۈن ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەردە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 8 كىشى قازا قىلدى.

ۋىلايەتتىكى كەلكۈن ۋە ئۆگزە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە، 12 كىشى يارىلاندى،  ئىككى كىچىك بالا كەلكۈندە يوقاپ كەتتى.

قازا قىلغانلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ ئوخشاش بىر ئائىلىدىن 3 ياشتىن 7 ياشقىچە بولغان ئاكا-ئۇكىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دائىرىلەر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن رايوندىكى بەزى يوللارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە 2 – مارتتىمۇ شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ تاغ سىيرىلىپ چۈشۈپ، تۇپراق ئاستىدا قىلىشى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 30 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر