پۇتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇكرائىناغا بېرىدىغان F-16 ئايروپىلانلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئايرودروملىرىنى رۇسىيەگە قارشى ئىشلەتسە، قانۇنلۇق زەربە ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2121570
پۇتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇكرائىناغا بېرىدىغان F-16 ئايروپىلانلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋېر رايونىدىكى ئارمىيە ئاۋىياتسىيە مەشىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى؛ ئۇ ھەربىي ئۇچقۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئاۋىياتسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلاردا قالتىس خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق نەتىجىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت پۇتىن ئۆزىنىڭمۇ بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇپ باققانلىقىنى، ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بايان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ Su-34 بومباردىمانچى ئايروپىلانى، Su-30 ۋە Su-57 تىپلىق يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ توقۇنۇش رايونىدا ناھايىتى ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى بېرىش ۋە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش پىلانىغا باھا بېرىپ: «بۇ، توقۇنۇش رايونىدىكى ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بىز بۈگۈن كۆپ سىتۋوللۇق قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى، تانكىلار، بىرونېۋىكلار ۋە باشقا ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكىنىمىزدەك، (F-16 تىپلىق) ئايروپىلانلارنىمۇ ۋەيران قىلىمىز» دېدى.

پۇتىن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يادرو قوراللىرىنى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئايروپىلانلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا، بۇ نۇقتىنى نەزەرگە ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان بۇ ئايروپىلانلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئايرودۇرۇملىرىدىن پايدىلانغان تەقدىردە، موسكۋانىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرىسىدا توختالغان ۋىلادىمىر پۇتىن: «ئەلۋەتتە، ئەگەر بۇ ئايروپىلانلار ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئايرودروملىرىنى ئىشلەتسە، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىزگە نىسبەتەن قانۇنلۇق زەربە نىشانغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

پۇتىن ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە چىقىمىنىڭ رۇسىيەنىڭكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىگە  ئىشارەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى شۇنداقلا بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ۋە پولشاغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر