ئىكرەمە سەبرى تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا يۇقىرى باھا بەردى

مەسجىدى ئەقسانىڭ خاتىبى، قۇددۇس ۋە پەلەستىننىڭ سابىق مۇپتىسى شەيخ ئىكرەمە سەبرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارلامېنتلار ئارا قۇددۇس مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى سۆزلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

2132689
ئىكرەمە سەبرى تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئالىي ئىسلام ھەيئىتى باشلىقى شەيخ ئىكرىمە سەبرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يۇقىرى باھالارنى بەرگەن يازما باياناتىدا: «بىز تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ توغرا يولدىكى ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى قەدىرلەيمىز. بۇ پوزىتسىيە پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنگەن بىر قەلبتىن كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

شەيخ سەبرى تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك ۋە ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىسلامىي سالاھىيىتىنى قوغداش يولىدىكى قەدەملەرنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن يالتايتىدىغان بىر ئىسلامىي بىرلىكنى تەسىس ئۈچۈن،  ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى بۇ ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ چەكسىز قوللىشىدىن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەيخ سەبرى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرگە ھەر خىل بېسىملارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە سالام يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتلار ئارا قۇددۇس مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى سۆزىدە: «پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز پۈتكۈل ئىمكانسىزلىقلارغا قارىماي، 203 كۈندىن بۇيان يالغۇز ھالىتىدە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھېچكىم بىزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشىمىزنى كۈتمىسۇن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر