ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېڭى بىر «جورج فلويد ۋەقەسى» مەيدانغا كەلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا ساقچىلارنىڭ فىرانك تايسون ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك ئامېرىكالىقنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2132692
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېڭى بىر «جورج فلويد ۋەقەسى» مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلارنىڭ قوللىرى ئارقا تەرەپتىن كىشەنلەنگەن فرانك تايسوننىڭ بوينىغا قاتتىق باسقانلىقى، نەپەس ئالالمىغان تايسوننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

18-ئاپرېل يۈز بەرگەن بىر قاتناش ۋەقەسىگە ئارىلىشىپ قالغاندىن كېيىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قارا تەنلىك ئامېرىكالىق تايسوننىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىغا دائىر سىن كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

كۆرۈنۈشلەردە، ساقچىلارنىڭ تايسوننى بىر رېستوراندا نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، يەرگە ياتقۇزۇپ، قوللىرىنى ئارقىغا قايرىپ كىشەن سالغانلىقى، تايسوننىڭ ساقچىلارغا قايتا-قايتا «ئۇلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ»، «مەن نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دېگەن ھالەتلەر بار.

بۇ كۆرۈنۈشلەر 2020-يىلى ساقچىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامېرىكالىق قارا تەنلىك جورج فلويىدنىڭ ئۆلۈمى بىلەن سېلىشتۇرۇلدى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىغا قارىغاندا،  تايسون دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغان بولۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىلار تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن خىزمەتتىن توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر