بلىنكېن: دائېش يەنىلا ھەقىقىي تەھدىت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «يەنىلا ھەقىقىي تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2120876
بلىنكېن: دائېش يەنىلا ھەقىقىي تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئىراقنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا بايانات بەردى؛ ئۇ ئىراقنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن «ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن: «شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، دائېش يەنىلا ھەقىقىي تەھدىت» دېدى.

«بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغان بولساق، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك ھۇجۇم، دائېشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خاتىرىلەتتى» دېگەن بلىنكېن، جۈمە كۈنى موسكۋادىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن «ماتەم تۇتۇۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئەسكەرتىش» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن، رۇسىيەدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، دۆلىتىنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر