ئىسىرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئىسىرائىلىيە رەفاھ شەھىرىگە قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتونغا بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

2120387
ئىسىرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئامېرىكانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە  نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رەفاھ ھەربىي ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئاخبارات ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر بىتەرەپ ئاۋازغا قارشى 14 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان لايىھەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىشنى غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە باغلىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى «ئىزچىل مەيدانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئامېرىكا ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش شەرتى بولمىغان ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى رەت قىلمىدى» دېيىلدى.

ئامېرىكانىڭ بىتەرەپ تۇرغانلىقىنىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىزچىل مەيدانىدىن روشەن ھالدا ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا:

«بۇ ئارقىغا چېكىنىش ھەم ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىغا ھەمدە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيانلىق. چۈنكى خەلقئارالىق بېسىم، ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرمەي تۇرۇپ ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدە ھاماسنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززەدە رامىزان ئېيىدا (11-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە) ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ قىلىنغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر