ئاقساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

جۇرنالىستلاردىن باشقا يەنە سىياسىئونلار، ئاتاقلىق شەخىسلەر ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىمۇ قاتناشقان (ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان) ئاقساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتى كەچلىك زىياپىتىگە قارىتا پەلەستىننى قوللىغۇچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

2132835
ئاقساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار ئۇرۇشقا قارشى ئاممىۋى تەشكىلات <CodePink> نىڭ تەشكىللىشى بىلەن پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، ۋاشىنگىتون ھىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

نامايىشچىلار: «ئىرقىي قىرغىنچى جو بايدىن!» ۋە «نومۇس قىل!» ھەمدە «تاراتقۇلار ھەر قېتىم يالغان سۆزلىگەندە، غەززەدە بىر مۇخبىر ئۆلتۈرىلىۋاتىدۇ» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار: «ئى ژۇرنالىستلار، خىزمىتىڭلارنى لايىقىدا قىلىڭلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە يېزىڭلار!»، «غەززەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ كۆپ مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

بىر گۇرۇپ نامايىشچى مېھمانخانىنىڭ دېرىزىسىدىن ئىتايىن چوڭ پەلەستىن بايرىقىنى ساڭگىلاتتى، يەنە بىر گۇرۇپپا نامايىشچى بولسا، غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىرلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مېھمانخانا ئالدىدا ھەرىكەتسىز ياتتى.

مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا ئۆلتۈرۈلگەن ھەر بىر ژۇرنالىستنىڭ ئىسمى يېزىلغان قانلىق ئاخبارات جىلىتكىلىرى كۆرسىتىلدى.

تەخمىنەن 3000 قاتناشقۇچىغا ساھىبخانلىق قىلغان زىياپەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر