رەئىسى ئىراننىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى دۆلىتىنىڭ يادرو ۋە مۇداپىئە تەلىماتىدا يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

2132762
رەئىسى ئىراننىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن «2024-يىللىق ئىران يەرمەنكىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، ئىراننىڭ يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئەنسىرەش ئەھۋاللىرىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ تەلىماتىمىزدا يادرو ۋە مۇداپىئە سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورنى يوق. بۇ يېتەكچىمىز (ئەلى خامەنىي)نىڭ پەتىۋاسى» دېدى.

رەئىسى تېھراننىڭ يادرو تېخنىكىسىنى پۇقراۋى ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران رەھبىرى خامەنېي 2000-يىللارنىڭ بېشىدا پەتىۋا چىقىرىپ، يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى.

ئىسرائىلىيە 1-ئاپرېل ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىراندىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار خامەنېينىڭ پەتىۋاسىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنى، ئىراننىڭمۇ يادرو قورالى ئىشلەپچىقارسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر