ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا بازا قۇرغان

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى(CIA) ئۇكرائىنادا 14 دانە مەخپىي بازا قۇرۇپ، ئۈسكۈنە ۋە ئاخبارات ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئىككىنچى يىلغا قەدەم قويغان رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

2109030
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا بازا قۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى (The New York Times) ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنى نەقىل قىلغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ، 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىن تەخمىنەن سەككىز يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات ھەمكارلىقلىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىمۇ داۋاملاشقان بولۇپ، ۋاشىنگتون ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئىستىخبارات خادىملىرىنى قالدۇرغان.

خەۋەردە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن تارتىپ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى، ئۈسكۈنە ۋە ئىستىخبارات بىلەن تەمىلىگەنلىكى، 14 مەخپىي بازا قۇرغانلىقى ۋە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇش بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت، ئۇرۇش باشلىنىشتىن تەخمىنەن سەككىز يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ پىرېزىدېنت دەۋرىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشقان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان كىيېۋ ھۆكۈمىتى، 2014-يىلى ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 2016-يىلى رۇسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي شىفىرلىرىنى يېشىش، رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنى ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئالاھىدە ھەربىي قىسىملىرىنى تەربىيەلىگەن. بۇ قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال كىرىلو بۇدانوۋ  ئاۋغۇست (2020) ئېيىدىن بۇيان ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە، ياۋروپا، كۇبا ۋە رۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغىمۇ ياردەم قىلغان.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خادىملىرى ئۇكرائىنانى ئۇرۇش جەريانىدا رۇسىيە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان جايلار ۋە ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغ سىستېمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئىۋان باكانوۋ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بولمىغان بولسا، رۇسىيەگە قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى يىڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايتتۇق.»

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى ۋىليام ج. بۇرنس (William J. Burns) تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى نامايان قىلىش سۈپىتىدە، ئۇكرائىنانى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 10 قېتىم زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر