ئاقساراي گىرۇزىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن تەكپىلىگە ئىنكاس قايتۇردى
ئاقساراي گىرۇزىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپىنىڭ، «كرېمىل ئۇسلۇبىدىكى قانۇن» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېلان قىلدى.
2139836
![ئاقساراي گىرۇزىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن تەكپىلىگە ئىنكاس قايتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/597e/b343/66e3/634e4813cda55.jpg?time=1722042658)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن جىن پىيېر (Karine Jean-Pierre) گىرۇزىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان قانۇن تەكلىپى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو نۇقتىسىدىن ئارقىغا قەدەم تاشلاش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ گىرۇزىيە خەلقىنىڭ قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «تەكلىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئەھۋالدا، گىرۇزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن كەڭ دائىرىدە كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز» دېدى.